ئۇيغۇر ۋەكىللەر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 7-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى مەمەت مۈئەزىنوغلۇ ئەپەندى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئىتىنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. ئۇچرىشىشتا ۋەكىللەر، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ھەقسىز داۋالىنىشى مەسىلىسى توغرىسىدا تەييارلىغان تەلەپ خېتىنى سەھىيە مىنىستىرىغا سۇندى.

قەيسەرىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار غا ياردەم خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 7-ئاپرېل كۈنى ئەنقەرەگە كېلىپ، سەھىيە مىنىستىرى مەمەت مۈئەزىنوغلۇغا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ھەقسىز داۋالىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئاڭلاتتى. بىز بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ، 7-ئاپرېل كۈنى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى مەمەت مۈئەزىنوغلۇ ئەپەندى بىلەن بىر سائەت كۆرۈشكەنلىكىنى، كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ھەقسىز داۋالىنىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، سەھىيە مىنىستىرىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 2014-2015-يىللىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق قەيسەرىگە كەلگەن 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر، بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ھەقسىز داۋالىنىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ داۋالىنىش جەھەتتە زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

قەيسەرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىر دىلشات ئەپەندى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئەڭ زور قىيىنچىلىقىنىڭ داۋالىنىش ئىكەنلىكىنى، بىرى كېسەل بولۇپ قالسا، پۇل يىغىشىپ داۋالىتىۋاتقانلىقىنى سۆزلىدى.

دىلشات ئەپەندى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ قېرىنداش ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا نېمە ئۈچۈن ھەقسىز داۋالىنىش ھەققى بەرمەيسىلەر دەپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتتىن بۇ ھەقتە تېخى بىر جاۋاب چىقمايۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز داۋالىنىش ھەققى بەرمەسلىكىدىكى ئاساسىي سەۋەبنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىز بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمدىن سورىدۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈرك پارلامېنتىدا مەسىلىنى ياخشى ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ سانى 7 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ تۈركىيە رەھبەرلىرىگە سۇنغان بولسىمۇ، ھەل قىلىش توغرىسىدا تېخىچە كونكرېت جاۋاب بېرىلمىگەن.