تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپلەپ ئورۇن بېرىشكە باشلىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى قايتىدىن كۆپلەپ ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. 5-ئاپرېل كۈنى، تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى نەشر قىلىنىۋاتقان «مىللەت گېزىتى» دە «27 يىلدىن بۇيان ساقايمىغان يارا بارىن قىرغىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق ماقالىغا، 6-ئاپرېل كۈنى «يېنى ئاكت گېزىتى» دە 6-ئاپرېل كۈنى، «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم باشلىدى»، 10-ئاپرېل كۈنى «بېشىنى ئوراشمۇ، ساقال قويۇشمۇ چەكلەنگەن» ماۋزۇلۇق ماقالىلەرگە ئورۇن بېرىلدى. بۇلاردىن سىرت 11-ئاپرېل كۈنى كەچ سائەت 6 يېرىمدا «ئاكت تېلېۋىزىيىسى» دە مۇستافا چەلىك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان «يەر شارى خاتىرىلىرى» ناملىق پروگراممىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلدى. پروگراممىغا تۈركىيە ئىنسان ۋە جەمئىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ئەمرىن چەۋى خانىم بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باشلىقى، www.uyghur.net تور گېزىتىنىڭ مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان. پروگراممىدا 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ماقۇللانغان 15 تېما، 50 تارماق ماددىدىن تەركىب تاپقان «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» يەنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئەسەبىي دىنچىلىكنى چەكلەش باھانىسى بىلەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دىنىي چەكلىمىلەر نۇقتىلىق ھالدا بايان قىلىنغاندىن سىرت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرى مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.

مۇستافا چەلىكنىڭ پروگراممىدا «ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قوبۇل قىلىنغان ‹ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى› ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟» دېگەن سوئالىغا ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئاكت تېلېۋىزيەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ماقۇللىغان ‹ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇنىڭغا ئورۇن بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. خىتايلار بۇ خىل قارارلارنى ئۇستىلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنى كۆندۈرۈپ تۇرۇپ ماقۇللايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا خالىغانچە دىنىي بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتاتتى، مەزكۇر قارارنى ماقۇللاش ئارقىلىق بېسىم سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرغان بولدى. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىم سىياسىتىنى دېموكراتىيەلىك ئۇسۇل بىلەن ماقۇللانمىغان قارارىغا تايىنىپ قىلىشقا باشلىدى.»

تۈركىيە ئىنسان ۋە جەمئىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ئەمرىن چەۋى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، خەلقئارادا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى»غا زەربە بېرىشكە، دۆلەت ئىچىدە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتە، يەنى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش جەھەتتە خىتاي ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا ئەسەبىي، بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارايدىغان بولساق، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كۈچىيىشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭمۇ سابىق يۇگوسلاۋىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش پارچىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى، ئارقىدىن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا باشلىدى. خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىم سىياسىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بۇ تراگېدىيەسىنى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك، پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.»

«ئاكت تېلېۋىزىيىسى»دە بىر سائەت داۋاملاشقان پروگراممىدا ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن ئەمرىن چەۋى خانىم بارىن ۋەقەسى، غۇلجا ۋەقەسى، ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە بۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغاندىن سىرت، تۈرك جامائەتچىلىكىنى، تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر تىراگېدىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

«مىللەت گېزىتى»دە 5-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنغان «27 يىلدىن بۇيان ساقايمىغان يارا بارىن قىرغىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە بارىن ۋەقەسىنىڭ قاچان ۋە قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، بارىن ۋەقەسىنىڭ 27 يىلدىن بېرى ئۇنتۇلمىغانلىقى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنتۇلمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

6-ئاپرېل كۈنى «يېنى ئاكت گېزىتىدە» ئېلان قىلىنغان «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم باشلىدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» 1-ئاپرېل كۈنى ئىجرا قىلىنىش باشلانغاندىن كېيىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدە دىنىي ئىلىملەر ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز يۇرتىغا قايتىشقا چاقىرغانلىقى بايان قىلىنغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش مۇسۇلمان دۆلەتلەردە دىندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئايلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى «ئۇقتۇرۇشنامە» نامىدىكى بىر جەدۋەلگە قول قويدۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە ئۇقتۇرۇشنامىنىڭ رەسىمى بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

10-ئاپرېل كۈنى بولسا «يېنى ئاكت گېزىتى»دە، مىسىرلىق تونۇلغان ژۇرنالىست يازغۇچى فەھمى ھۈۋەيدى ئەپەندىنىڭ «بېشىنى ئوراشمۇ، ساقال قويۇشمۇ چەكلەنگەن» ماۋزۇلۇق ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلدى. ماقالىنىڭ باش قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىقلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇلارنىڭ قاتتىق دىنىي چەكلىمىلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ماقالە كىچىك تېمىلارغا بۆلۈپ بايان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىنىڭ «مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان خىتاي مۇستەملىكىسىنى قوبۇل قىلمىدى» تېمىسىدىكى قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقانلىقى، بۇلارنى خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىنىڭ ئۈچىنچى كىچىك تېمىسى «تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۇيغۇرلارنى قايتا ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى» بولۇپ، بۇ قىسىمدا 1990-يىلىدىن بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. كېيىنكى قىسىملىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئورنى يۇقىرى بىر زېمىن ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ خاتا سىياسىتىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىققا ئۈندەۋاتقانلىقى، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مەنپەئەتىنى ئويلاپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولمايۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. مىسىرلىق ژۇرنالىست فەھمى ھۇۋەيدى ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شۇ يېرى ئەجەبلىنەرلىك، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ 2016-يىلىدا خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت سوممىسى 251 مىليارد دوللار ئىكەن، خىتاي ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم تىجارەت شېرىكى. بۇنداق تۇرۇقلۇق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار توغرىسىدا خىتايغا بىر نەرسە دېمەسلىكى ئىنساننى بەكلا ئەجەبلەندۈرىدۇ.»

مەككىدە تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچى ژۇرنالىست سىراجىتتىن ئەپەندى مىسىرلىق ژۇرنالىست يازغۇچى ھۈۋەيدى يازغان دوكلات خاراكتېرلىك ماقالىنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا بىر ژۇرنالدىمۇ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ياخشى يېزىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى 4-ئاينىڭ 1‏‏-كۈنىدىن كېيىن تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپلەپ ئورۇن بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۆتكەن يىلى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن كۈن تەرتىپتىن چۈشۈپ قالغان ئىدى، يېقىندىن بېرى قايتىدىن مەتبۇئاتلاردا كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى.