تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىش كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. 4-ئاينىڭ 18-كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كۈمۈشخانا شەھىرىدىكى كۈمۈشخانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «يۈكسىلىۋاتقان خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا كۈمۈشخانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەسئۇللىرى، ھەرقايسى فاكۇلتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار، سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
يىغىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ دۆلەت مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان كۈمۈشخانا ئۇنىۋېرسىتېتى ياش ئاتىلىم كۇلۇبى مەسئۇلى ئوغۇزخان بۇداق ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى قىلدى. ئۇ، ئالدى بىلەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرگە سالام ۋە ئېھتىرامىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرىمىز، ھۆرمەتلىك ھەرقايسى فاكۇلتېت مۇدىرلىرى، ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار، ھۆرمەتلىك ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى، ھۆرمەتلىك مېھمانلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ھەممىڭلارغا ھۆرمەت بىلەن سالىمىمنى بىلدۈرىمەن. بىز ياش ئاتىلىم قۇلۇبى ئۇيۇشتۇرغان «ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنىغا خۇش كەلدىڭلار.»
ئۇ ئېچىلىش نۇتقىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «1949-يىلىدىن بېرىقى 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى ئېغىر بېسىم ئىچىدە تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە تىرىشماقتا. دىننى ئەپيۈن دەپ كەلگەن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى چەكلەنگەن، ھىجاپ كىيىش چەكلەنگەن، ساقال قويۇش چەكلەنگەندىن سىرت، ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئەركىنلىكىمۇ يوق. رامزان ئېيىدا روزى تۇتۇش چەكلەنگەن. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى تېررورچى دەپ قالپاق كىيدۈرۈپ جازالاندۇرماقتا. بىزنىڭ بۈگۈنكى دوكلات بېرىش يىغىنىمىزدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلىدۇ.»
خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «يۈكسىلىۋاتقان خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتايدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئېغىر بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بېرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بىز يىغىن ئاخىرىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەمگىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۈركلەرگە توغرا مەلۇمات بېرىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى، تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات كەسىپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك قىزىقاتتى، ھازىر بولسا خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىقتىساد، ئىدارە باشقۇرۇشقا ئوخشاش كەسىپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقماقتا ۋە بۇ ھەقتە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرماقتا. بىر ھەپتە بۇرۇن تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. بۈگۈن بولسا تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمال چېگرا رايونى ھېسابلىنىدىغان كۈمۈشخانىدا ئۆتكۈزۈلدى.