تۈركىيەنىڭ گىرەسۇن ۋە چورۇم شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

15-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى گىرەسۇن شەھىرىدە، 16-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چورۇم ۋىلايىتىدە «ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

گىرەسۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى سائەت داۋاملاشقان «ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى، سوئال- جاۋاب بىلەن ئاخىرلاشتى.

15-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گىرەسۇن شەھىرىدىكى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 16-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چورۇم ۋىلايىتىدە « ئۇنتۇلمىغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. چورۇم ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى. ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئىرفان چاغلار رىياسەتچىلىك قىلغان دوكلات بېرىش يىغىندا سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ لىدېرلىرىدىن بىرى ئابدۇكېرىم ئاغا ئەپەندى سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. تۈركىيە چورۇم ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

16-ماي كۈنى ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتى چورۇم شۆبىسى تەرىپىدىن چورۇم ھىتىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىغا دوكلات بېرىش ئۈچۈن كەلگەن سۈرىيە تۈركمەنلىرىنىڭ لىدېرلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئاغا ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يىغىن باشلاشتىن بۇرۇن چورۇم شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرخان جاندان ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەھەر باشلىقىغا ئېزىلىۋاتقان بېسىمغا ئۇچراۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تۈركىيەدىن باشقا ئىگىسى يوقلۇقىنى ئېيتتى.