تۇرغۇت ئۆزال ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

27-ماي كۈنى ئەنقەرە تۇرغۇت ئۆزال ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى «ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە خىتاي-تۈرك مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى» تېمىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا تۇرغۇت ئۆزال ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتى مۇدىرى دوكتور رامىزان تاش ئەپەندى، كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. يىغىندا 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى يۇنۇس ئەمرە مەرد ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىن سوئال ‏- جاۋاب شەكلىدە داۋاملاشتى. 2 سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. بىز يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزىتىپ ئۇلارنىڭ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى، يىغىندا نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمىلەرنى قىلىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئۆگىنىشكە تىرىشتۇق.

يۇنۇس ئەمرە مەرد ئىسىملىك ئوقۇغۇچى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تۈركىيە دۆلىتىگە نېسىپ بولار دېگەن بىر سۆزى بارلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن تۈرك ياشلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەسىلىنى ئۆگىنىش مەقسىتىدە بۇنداق بىر يىغىن چاقىرغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رامىزان ئېيى يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش مەقسىتى بىلەن مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش شەرىپى تۈركىيەنىڭ بولار دېگەن ئىدى. ئالدى بىلەن بۇ سەۋەبتىن تۈپەيلى بۇ يىغىننى چاقىردۇق. ئىككىنچى سەۋەبى ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بەك كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى. ھازىر رامىزان ئېيى كېلەي دەپ قالدى، بۇ يىل رامىزان ئېيىدىمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىمنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئاچتۇق.»

يۇنۇس ئەمرە مەرد يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ناھايىتى ياخشى ئۆتتى، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. بەزىلىرىدىن كۆڭلىمىز يېرىم بولدى، بەزىلىرىدىن خۇرسەن بولدۇق. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ۋەزىيەت كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلدى. خۇدايىم بۇيرۇسا كېلەچەكتە بىزنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولار.»

يىغىنغا قاتناشقان تۇرغۇت ئۆزال ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەسرا خانىم، يىغىندا كۆپ يېڭى مەلۇماتلارنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتىم يوق ئىدى. پەقەتلا رادىيو، تېلېۋىزىيەلەردە ئاڭلىغانلىرىمنىلا بىلەتتىم. بۈگۈن كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم، بولۇپمۇ ئۇ يەردە خەلققە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاپ ھەم كۆڭلىمىز يېرىم بولدى. ئۇيغۇرلار بىلەن بىزنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېقىنلىقىمىزنى ئاڭلاپ بەكلا خۇرسەن بولدۇم. مېنىڭ ئۈچۈن بۇ يىغىن بەكلا پايدىلىق بولدى.»

رابىيە يۇرداقۇل ئىسىملىك ئوقۇغۇچى بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتسام مەن بۇرۇن بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن ئىدىم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇنچىۋالا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. بۇ يىغىندا كۆپ يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. بولۇپمۇ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئورنىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنى ئۆگەندىم. مەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك كۆپ ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالدىم.»

ئىراق كەركۈكتىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان مىنە تۈركمەن خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئانچە ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ يىغىندا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىن بولىمەن. 10 يىلدىن بېرى ئەنقەرەدە تۇرۇۋاتىمەن. شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە رادىيو، تېلېۋىزىيەلەردىن ئاڭلىۋالغان مەلۇماتلىرىم بار ئىدى. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئۆگەنگەن بولدۇق. مەن بىر كەركۈك تۈركمەن قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.»

تۇرغۇت ئۆزال ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئوقۇغۇچىسى مەمەت ئەلى بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار دەۋاسى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئىزدەنگەن ئىدىم. تۈرك-ئىسلام دەۋاسىغا قىزىقىدىغان بولغاچقا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بەزى نەرسىلەرنى بىلەتتىم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى تازا ياخشى بىلمەيتتىم. بۇ يىغىندا ئۆگەنگەن بولدۇم.»

بۇرۇن تۈركىيەدىكى كۆپ ساندا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى تۈركولوگىيە كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، سىياسەتشۇناسلىق، دىنىي ئىلىملەر ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ ھەقتە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزمەكتە.