روزى ئېيىدا تۈرك مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.06.20
nurimanxan-ana-72-yashliq.jpg «يېڭى سۆز» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، «72 ياشلىق مومايغا خىتاي ئىسكەنجىسى» سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن ماقالىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
RFA/Erkin Tarim

رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىشكە باشلىدى. تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «زامان» گېزىتى بىلەن «يېڭى سۆز» گېزىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمى، بولۇپمۇ دىنىي بېسىمى بايان قىلىنغان ئىككى چوڭ ماقالىگە ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالىست بۈلەنت چاقىر ئەپەندى تەييارلىغان «يېڭى سۆز» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، «72 ياشلىق مومايغا خىتاي ئىسكەنجىسى» سەرلەۋھىلىك ئۇزۇن ماقالىدە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ، نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق تۇرغۇنجان ئەخمەتنىڭ ئانىسى نۇرىمان خانىمغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە قىيناش سىياسەتلىرى بايان قىلىنغان. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى ھاجى قۇتلۇق قادىرى تەرىپىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەييارلانغان ئۇزۇن ماقالىنىڭ كىچىك تېمىسى «فاشىست كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 72 ياشتىكى ئۇيغۇر نۇرىمان ئانىغا ئوغلى تۈپەيلى 24 يىلدىن بېرى سىستېمىلىق ھالدا بېسىم ئېلىپ بېرىلماقتا» بولۇپ، ماقالىدە باسقۇنچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بېسىمىدىن تۈپەيلى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا قالغان ئائىلىلىرىگە ھەر خىل يوللار بىلەن بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقى، بۇلاردىن بىرىنىڭ تۇرغۇنجان ئەمەت ئائىلىسى ئىكەنلىكى ئاڭلىتىلغان. ماقالىدە تۇرغۇنجان ئەمەتنىڭ ھازىر نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ قەشقەر ئاۋات يېزىسىدىكى 72 ياشلىق ئانىسىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 24 يىلدىن بېرى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى يازغان. بۈلەنت چولاقوغلۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ روزى تۇتۇشنى چەكلەش، قۇرئان ئۆگىنىشنى چەكلەشكە ئوخشاش سىياسەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان.

6-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «زامان» گېزىتىدە «روزىدا خىتاي ئىسكەنجىسى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە ژۇرنالىست تەتقىقاتچى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ رامىزان ئېيى كىرىشتىن بۇرۇن ئائىلىلەرگە يازغان خېتىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك بارلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارىتا دىنىي بېسىم سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «يېڭى سۆز» گېزىتىنىڭ خەۋەر ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى بۈلەنت چولاقوغلۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان ھەر دائىم بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكى بىر جاي. بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بار. بىرىنچىسى، ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ھەم دىن قېرىندىشىمىز، ھەمدە قان قېرىندىشىمىز. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان بىز ئۇنتۇپ قالىدىغان، ۋاز كېچىدىغان جاي ئەمەس. بىز بۇ مەسىلىگە دىنىي قېرىنداشلىق ياكى قان قېرىنداشلىق نۇقتىنەزىرىدىن قارىمايمىز. بىر ئىنسانلىق مەسىلىسى دەپ قارايمىز. بىز ‹يېڭى سۆز› گېزىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە داۋاملىق ئورۇن بېرىپ كەلدۇق. ئەمما بىز دۇچار بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن بىۋاسىتە خەۋەر ئىگىلىيەلمەسلىك، ۋاسىتىلىك يوللار بىلەن خەۋەر ئىگىلەۋاتىمىز. بىز ئادەتتە داۋاملىق ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىمىز. بۇ قېتىم دىققەت نەزىرىمىزنى تارتقان نەرسە 72 ياشتىكى بىر مومايغىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 24 يىلدىن بېرى بېسىم ئىشلەتكەنلىكى بولدى. بۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە.»

بۈلەنت چولاقوغلۇ ئەپەندى «يېڭى سۆز» گېزىتىنىڭ نەشرىيات سىياسىتىنىڭ قەيەردە بىر ئېزىلگەن مىللەت ۋە خەلق بولسا ئۇنىڭ ئاۋازى بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: دۈنيانىڭ قايسى جايىدا زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك مەۋجۇت بولسا، ئۇنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. گېزىتىمىزدە دۇنيا خەۋەرلىرى ئالدىنقى پىلاندا تۇرىدۇ. بىز پەقەتلا تۈركىيەنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلمايمىز. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى خەۋەرلەر گېزىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خەۋەرلىرى دېيىشكە بولىدۇ. بۇندىن كېيىنمۇ گېزىتىمىزدە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە داۋاملىق ھالدا ئورۇن بېرىمىز.»

6-ئاينىڭ 19-كۈنى «زامان» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلىرىنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتقان. ئۇ، رامىزان ئېيىدا پەقەتلا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىلا ئەمەس، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئابرۇيلۇق گېزىتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، رامىزان ئېيىدا تۈركىيەدىكى گېزىتلەرلا ئەمەس، دۆلەت رادىيو، تېلېۋىزىيەلىرى ۋە شەخسى رادىيو، تېلېۋىزىيەلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئورۇن بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.