تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئاياسوفىيا مەيدانىدا «سۈكۈت قىلما»، «مەزلۇملار ئۈچۈن تەك يۈرەك» دېگەن مەزمۇندا چوڭ بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، تەخمىنەن 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتقان بۇ يىغىندا پەلەستىن، سۈرىيە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا جايلاردىكى مەسىلىلەر تەكىتلەنگەن.
يىغىن ھەققىدە «يېڭى شەپەق»، «ئاكىيت» قاتارلىق تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا تەپسىلاتلار ئېلان قىلىندى.
يىغىندا سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا كامالئاق ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، سائادەت پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى بېرول ئايدىن، ئانادولۇ ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سالىھ تۇرھان ئەپەندى، مىسىر ۋە پەلەستىن ۋەكىللىرى مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلغان.
يىغىن ئەھلى قوللىرىدا تۈركىيە بايرىقى ۋە ھەر خىل شوئارلار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا پات-پات «زالىملار يۇقالسۇن» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى. ھەتتا بەزىلەر ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقمۇ كۆتۈرگەن.
سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا كامالئاق ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزگە چىقتى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە ئالدى بىلەن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق مەزلۇم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۇنتۇمىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولغان سائادەت پارتىيىسى رەھبەرلىرىگە تەشەككۈر ئېيتتى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا بۈگۈنكى كۈندە زۇلۇمنىڭ تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى ئېقىۋاتىدۇ، ئىراقتا، ئافرىقىدا، ئوتتۇرا شەرقتە، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى بەك ئەرزان ئورۇندا تۆكۈلۈۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيە جەھەتتىن بەك ئۇزاقتا، ئەمما تۈرك خەلقى ئۈچۈن دىنى، تىل، مەدەنىيەت جەھەتتە بەك يېقىن.
يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ۋە پەلەستىنلىك بىر گۇرۇپپا ياشلار سەھنىگە چىقىپ، «مۇسۇلمانلار بىرلىشەيلى» دېگەن ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە يېزىلغان چوڭ خەتلىك تاختىلارنى ئېگىز كۆتۈردى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
بۇ يىغىن «ت ۋ 5» تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.
ئاخىرىدا پۈتۈن يىغىن ئەھلى شەرقىي تۈركىستان، پەلەستىن ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلدى ئىپتاردىن كېيىن ئۆيلىرىگە تارقىدى.
تۈركىيە ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا بۇ يىغىنغا 20 مىڭ بىلەن 30 مىڭ ئارىسىدا كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلارنى مۆمىنجان ۋە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۆمىنجان بۇ يىغىنغا كۆپ ساندا كىشىنىڭ قاتنىشىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركلەرگە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن چوڭ بىر پۇرسەت يارىتىلغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارمۇ بۇ پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماستىن بۇ يىغىنغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى لەپىلدىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.