8-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى. تۈركىيە توبب تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بۇ دوكلات بېرىش يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەرگەن بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكا، ياپونىيە، رۇسىيە، كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، مىسىر، مالايشىيا، تايلاند ۋە فىلىپپىن قاتارلىق 20 ئەتراپىدا دۆلەتنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرىدىن سىرت، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى ۋە ھەرقايسى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركەزلىرىدىنمۇ كىشىلەر قاتناشتى.
يىغىندا دوكلات بەرگەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بېرىلگەندىن كېيىن، يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چەتئەللىك دىپلوماتلارغا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش يىغىنى بۇرۇن ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلات چەتئەللىك دىپلوماتلارنىڭ قاتتىق قىزىقىشىنى قوزغىغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭ.