2013-يىلى 26-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى، ئىستانبۇلدىكى تۈرك ئوجاقلىرى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، «قەلبىمىزنىڭ قانىغان ئىككى يارىسى كەركۈك ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن ئىككى بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ھەر بۆلۈمدە بەشتىن 10 كىشى سۆز قىلدى. يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمى چۈشتىن بۇرۇن ئىككىنچى بۆلۈمى چۈشتىن كېيىن تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلىندى. ئىككىنچى بۆلۈمى بولسا مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىندا، فاتىمە ئايدېمىر خانىم «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي تارىخى» دېگەن تېمىدا، مۇھەممەد ئىمىن ياردەمچى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقئارا قانۇندىكى ئورنى ۋە سالاھىيىتى» دېگەن تېمىدا، ئەخمەت ياسىن قايا «شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ھاياتتىكى بېسىملار ۋە چەكلىمىلەر» دېگەن تېمىدا، ئورخان ئۆكسۈز «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى رولى» دېگەن تېمىدا، سەمەت ئۆزدېمىر «شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەلپكارلىقى ۋە سۈمۈرۈلگەن شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.
يىغىنغا 200 دىن ئارتۇق ياشلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىملار، مەدەنىيەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەتلىئام ۋە قىرغىن قىلىنىشى، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى، خىتايلارنىڭ كۈچمەن يۆتكەش سىياسىتى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي سۆز قىلىندى.
يىغىندا، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى رولى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان ئورخان ئۆكسىز ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارىتا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى تەپسىلىي ئاڭلىتىلدى، ئەمما بىز بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:
- تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار بىلەن، تىل، دىن، مەدەنىيەت ۋە تارىخى باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى تەبىئىي بىر ئەھۋال ۋە مىللىي بىر بۇرچتۇر. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار تۈركىيەگە ئۈمىد كۈزى بىلەن قارايدۇ، قۇتقۇزغۇچى دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن تۈركىيە پۈتۈن كۈچىنى قوللىنىپ، سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلەردە جاۋاب بېرىشى كېرەك.
- مىسىر، سۈرىيە، بىرما، پەلەستىن مەسىلىلىرى قانچىلىك ئەھمىيەتلىك بولسا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ شۇنچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەتلىك. سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىمۇ مۇسۇلمانلار زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، بۇنىڭغىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك. سۈرىيەدە خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىلدى دېيىلىۋاتىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى ئاتوم بومبا سىناق قىلىۋاتىدۇ، نەچچە مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ئاتوم بومبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم، سۈرىيەدە مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار مەسچىت-جامەلەرگە بېرىپ ئىبادەت قىلالمايدۇ، خىتاي ساقچىلىرى مەسچىت ئالدىدا كۆزەتچىلىك قىلىدۇ. يەنى شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرگىمۇ دىققەت قىلىنىشى كېرەك.
- بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز، بۇ مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ ئىگە چىقىشى، دۆلەت ئىچىدە مىللەتچى، دۆلەت سىرتىدا پانئىسلامچى دەپ ئەيىبلەشلەردىن قورقماستىن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشى كېرەك، جاسارەتلىك بولۇش كېرەك.
- غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك دائىمىي كومىتېتىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك.
- خىتاي كوممۇنىست بىر ھاكىمىيەت، 1980-يىللارغىچە تاشقى دۇنياغا تاقالغان بىر قۇتىغا ئوخشاش ئىدى. يەنى تاشقى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىدى، ئەمما خىتاينىڭ خەلقئارا سودا-بازارغا يۈزلىنىشى خىتاينى تاشقى دۇنياغا ئاچتى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى بۇ رايونغا تارتىپ، خىتاينى دۇنيادىكى دېموكراتلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىتىشىمىز كېرەك.
- يېقىندىن بۇيان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى كۆپلەپ زىيارەت قىلدى، يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلەر ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى. يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلەردە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتتى. بۇ يەردىكى كۈچىمىزنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
- خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلەردىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنى جاۋابكار تۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي خەلقئارا جامائەت ۋە تۈركىيەگە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن بېسىم قىلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتىنىمىزدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بۇ تەشكىلاتلارغا توسالغۇ بولۇۋاتقان چەكلىمىلەر بىكار قىلىنىشى كېرەك.
- مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننى دىققەتكە ئېلىپ مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭىدىن نىشان قويۇشى كېرەك.
- ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا قويۇشى كېرەك، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىسى دەپ قاراش كېرەك. ئىسلام دۇنياسى خىتايغا قارشى ئورتاق بىر تەنقىدلەش قارارى ئېلىش كېرەك. جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. خۇسۇسىي ياكى ئىجتىمائىي ھالدا خىتاي ماللىرىنى ئالماسلىق كېرەك. بىزنىڭ دۆلەت خىتاي ماللىرىغا بايقۇت قىلىشنى كوزىر قىلىپ قوللىنىشى كېرەك.
- ئاخىرىدا شۇنى دەيمىزكى، خىتاي ھاكىمىيىتى پۈتۈن قىلمىشلىرى بىلەن زالىم ۋە ئىشغالچىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز مەزلۇمدۇر، ھەق-ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان بولۇپ بۇنىڭغا قارشى قىلىۋاتقان كۈرەشلىرى ھەقلىقتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە: «مۇسۇلمانلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىگە قايغۇرمىغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دېيىلگەن، بۇ ھەدىسنى مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئويلىنىشى كېرەك.
ئىككى سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇش چارىلىرى توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ يىغىننى خۇلاسىلىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرى ۋە پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاخىرىدا يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارغا تەشەككۈرنامە تەقدىم قىلىندى. بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.