تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «يېڭى ئائىت گېزىتى» دە «مۇسۇلمانلارغا خىتاي ئىسكەنجىسى» ناملىق ماقالە، «مىللەت گېزىتى» دە «زىندانلارنى بۆسۈپ چىققان نۇر» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلىندى.

ئۆمەر فارۇق شاھىن ئاپتورلۇقىدىكى مەزكۇر ماقالە 5-نويابىر كۈنى «يېڭى ئائىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىنى مۇنداق باشلايدۇ: «ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىمنىڭ چېكى يوق بولۇپ كەلدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا بەئەينى ‹ساقچى دۆلىتى› گە خاس سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى 24 سائەت كۆزىتىپ ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى دوزاخقا ئايلاندۇرماقتا. . .»

ماقالىنىڭ «خىتاي ئۇيغۇرلارنى ھەپتىدە 7 كۈن، 24 سائەتتىن كۆزەتمەكتە» سەرلەۋھىلىك كىچىك ماۋزۇسىدا، ‹ساقچى دۆلىتى› نىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا كۈندىلىك ئىبادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئەھۋالى شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ ھەر مەھەللىگە ئورناتقان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىر مەھەللىدىن يەنە بىر مەھەللىگە بېرىشتا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ھەتتا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەھەللىسىدىن باشقا جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

7-نويابىر كۈنى «مىللەت گېزىتى» دە ئوبزورچى فاتما تۇنجار خانىمنىڭ «زىندانلارنى بۆسۈپ چىققان نۇر» ماۋزۇلۇق ئوبزورى ئېلان قىلىندى. ئوبزوردا 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا كىچىك بالىلارغا «قۇرئان ئۆگەتتىڭ» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، 20 نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئابدۇسەمەت قارى ھاجىمنىڭ ھاياتى بايان قىلىنغان.

فاتما تۇنجار خانىم ئوبزورىنىڭ بېشىدا مۇستەبىت ئەللەردىكى دەۋا ئادەملىرىنىڭ تەقدىرىنىڭ ھەر دائىم قاراڭغۇ زىندانلار بولىدىغانلىقىنى، ئەمما دەۋا ئىنسانلىرى چاچقان نۇرنىڭ ئىنسانلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «90 ياشلىق ئەما بىر ئالىم خىتاي زىندانلىرىدا مۇجادىلە قىلماقتا. ئۇنىڭ جىنايىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىملىكلىرىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغىتىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت، خالاس. توغرا ئىشنىڭ بەدىلىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئابدۇسەمەت قارى ياشىنىپ قالغان ۋە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىغا قارىماي، ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان بىر ئالىمدۇر. دەۋا ئادەملىرىنىڭ تەقدىرى دائىم قاراڭغۇ زىندانلاردا بولىدۇ. قاراڭغۇ چۈشكەنسېرى شامنىڭ يورۇقى تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ ۋە بىر كۈن بۇ نۇر پۈتۈن دۇنيانى يورۇتىدۇ، كىشىلەرگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇسەمەت قارى ھاجىمغا خىتاي 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر بالىلارغا «قۇرئانى كەرىم ۋە دىنىي مەلۇماتلارنى ئۆگەتتىڭ» دەپ ئەيىبلەپ، 20 يىل قاماق جازاسى بەرگەن. فاتما تۇنجار خانىم ئوبزورىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «ئابدۇسەمەت قارى ھاجىم بۇ يىل 90 ياشتا، ئېغىر كېسەل. ئۇنىڭ كۆزلىرى كۆرمەيدىكەن. ئەمما ئۇ كۆڭۈل كۆزى بىلەن ھەقىقەتنى كۆرىدىغان ۋە ئىنسانلارغا ئەركىنلىك كۆرۈشىنىڭ نۇرىنى چېچىۋاتقان بىر ئالىم. ئەپسۇسكى، بىز ئۇنىڭغا قىلىنىۋاتقان ھەقىسىزلىكلەرگە يېتەرلىك دەرىجىدە نارازىلىق بىلدۈرەلمەيۋاتىمىز.»

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يەنىمۇ يېقىنلاشماقتا. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بۇ يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچراشقاندا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تۈركىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە، جۈملىدىن خىتايغا قارشى يېزىلغان ھەرقانداق ئاخبارات خەۋەرلىرىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ت ر ت نىڭ ئىنگلىزچە قانىلىدا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم ۋە مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دۇچار بولغان تراگېدىيەلەر تونۇشتۇرۇلدى. ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى، تۈرك خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دېدى.

ئەنقەرەدىكى ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپتىن ئېزىلگەن مۇسۇلمانلارنى قوللايمىز دېسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرىنى تاقاپ، بەزى پائالىيەتچىلەرنى تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقىنى، بۇنداق ھالەت داۋام قىلسا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە بەزى مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى، گەرچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن يېقىنلاشقان تەقدىردىمۇ، ئەمما تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قېرىنداشلارچە ھېسسىياتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئالىمجان بوغدا ئەپەندى يەنە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەمىمىي ۋە ئىزچىل رەۋىشتە ئىگە چىقالىسىلا، بۇ دەۋانىڭ داۋاملىق كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيەدىكى يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تېخىمۇ كۆپ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.