تۈركىيەنىڭ سامسۇڭ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

12-نويابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ سامسۇڭ شەھىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ نامايىش شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ سامسۇڭدىكى ۋەكىلى خېلىل ئىسلامئوغلىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار ئالدى بىلەن سامسۇڭ شەھىرىنىڭ ۋەزىر كۆپرۇ ناھىيەسىدىكى گېنېرال فارۇق جۈمەرت باغچىسىغا جەم بولۇپ، ئۇ يەردىن ناھىيەلىك ۋەزىركۆپرۈ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى. نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تۈرلۈك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا «ھەق-ھوقۇق، ئادالەت، تۈركىستانغا ھۆرىيەت! ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان «شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان يۈرۈش ئاخىرىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە ھەر يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ ئاز 3000 كىشىنىڭ سەۋەبسىز يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆزىدە يەنە 12-نويابىر كۈنىنىڭ تارىختا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان كۈن ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە 3-قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «قوشماق تۇغقانچىلىق» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئىنسان چىداپ تۇرالمايدىغان ئېغىر زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە «بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسىلىدە مەسئۇلىيىتىمىز بار، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زۇلۇمنى ھەممىمىز بىرلىكتە توختىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك،» دېدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قارادېڭىز ۋەكىلى خېلىل ئىسلامئوغلى سۆز قىلىپ، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىر يۈرەك، بىر گەۋدە بولۇشىمىز كېرەك،» دېدى.

نامايىشقا ۋەزىركۆپرۈ ياشلار خىزمىتى ۋە تەنتەربىيە مۇدىرى، مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەزىركۆپرۈ شۆبىسى مەسئۇلى ھەسەن تۇرسۇن، ئاق پارتىيەنىڭ ۋەزىركۆپرۇ شۆبىسى باشلىقى مەھمەت قۇرت قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

تۈركىيەنىڭ سامسۇڭ ۋىلايىتى ۋەزىركۆپرۇ ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ «مىللەت»، «ھۆرىيەت» قاتارلىق چوڭ گېزىتلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەرلەر بېرىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇسالام تەكلىماكان بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدىن سامسۇڭغا بېرىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.