«ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» خادىمى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولدى

0:00 / 0:00

5-دېكابىر شەنبە كۈنى «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلەر بۆلۈمىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى دوكتور ئىبراھىم ئالتان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نى زىيارەت قىلدى. دوكتور ئىبراھىم ئالتاننى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق جەمئىيەت رەھبەرلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

زىيارەت ۋاقتى ئالدىن پىلانلانغان بولۇپ، زىيارەتتە ئىككى تەرەپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرىسىدا تەلەپ ۋە تەكلىپ سۇندى. ئىككى تەرەپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چەتئەللەردە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەر قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوكتور ئىبراھىم ئالتان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ئىنسانپەرۋەرلىك بۆلۈمىنىڭ تۈركىيەدىكى رەسمىي ۋەكىلى بولۇپ، بۇ كىشى دۇنيادىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار توغرىسىدا مەزكۇر تەشكىلات ئۈچۈن تەتقىقات ۋە دوكلات ھازىرلاپ تەقدىم قىلىدىكەن.

ئىبراھىم ئالتان ئەسلىدە ئىلگىرى تۈركىيەدىكى دېڭىز فەنەرى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ خىزمەت قىلغان ھەمدە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر تەتقىقاتچى ئىكەن. ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدىغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» 1963-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى 57 گە يەتكەن.

بۇ تەشكىلات 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى جىددىي توپلاپ يىغىن ئاچقان ۋە خىتاي بىلەن بۇ ھەقتە ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە بۇ تەشكىلات ئۈرۈمچىگە بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى.

بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.