گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇتتەھەملىك قىلىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار «تۈركىيەگە خىتاي ساقچىلىرى كېلىپتۇ» دېگەن گەپ-سۆزلەرنىڭ تارقالغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە پاراكەندىچىلىكتە قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. بۈگۈن بىر قانچە ئۇيغۇر ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 10-دېكابىر كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتنىشىپ قايتىۋاتقاندا 3 نەپەر گۇمانلىق كىشىنىڭ ئۇلارنى سۈرەتكە تارتقانلىقىنى، ھەتتا قوپاللىق بىلەن گەپ سوراپ ئاشكارا مۇتتەھەملىك قىلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «خىتاينىڭ قولى ئىستانبۇلغىچە يەتتىمۇ؟» دەپ ئىنكاس تارقاتقۇچىلاردىن مەزكۇر ۋەقەگە شاھىت بولغان ئىستانبۇلدىكى زاھىدە خانىم بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ خانىم ئۆزىنىڭ 10-دېكابىر نامايىشتىن بىللە يانغان يەنە 2 نەپەر دوستلىرى بىلەن تارخان ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا تاماق يېيىش ئۈچۈن كىرگەندە ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان 3 ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىرىنى كۆزىتىپ ئولتۇرغانلىقىنى ۋە ئارىدا روشەن خانىمنى قوپاللىق بىلەن سوراققا تارتماقچى بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

زاھىدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 3 گۇمانلىق كىشىنىڭ نىشانى دوستلىرى ئارىسىدىكى گۈلباھار جېلىل بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. گۈلباھار جېلىل خانىم يېقىنقى ئايلاردا خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە قىسمەن مەتبۇئاتلاردا خىتايدىكى لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىكەن. گۈلباھار خانىم قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ خىتايدا بىر يىل ئىككى ئايچە لاگېرغا قامالغان يەنە بىر ئۇيغۇر شاھىتتۇر.

زاھىدە خانىم ئارقىلىق بىز يەنە ئىستانبۇلدىكى تارخان رېستورانىدا مەزكۇر 3 گۇمانلىق كىشىنىڭ مۇتتەھەملىكىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغان روشەنگۈل خانىمدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

روشەن خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 3 كىشىنىڭ بىرى ئاۋۋال ئۆزىدىن «ئاۋۇ گۈلباھار جېلىلمۇ» دەپ سورىغان. كېيىن يەنە «نامايىش قىلىپ يۈرگۈچە، قوراللىق ھەرىكەت قىلمامسىلەر» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان. روشەن خانىم ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى تېلېفوندا ئېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ ئۇلارغا قاتتىق تەگكەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى تېخىمۇ قوپاللىشىپ: «بۇ يەردە ئولتۇر! سەندىن سورايدىغان ئىش بار!» دەپ ئاشكارا مۇتتەھەملىك قىلىشقا باشلىغان. روشەن خانىم بۇلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىدىن ئۇلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىپ، دەرھال دوستلىرىنى ۋە ئاشخانىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان. نەتىجىدە بۇ 3 كىشى بىر دەملىك پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشتىن كېيىن قېچىپ كېتىشكەن.

تارخان ئۇيغۇر رېستورانىدىكى بۇ پاراكەندىچىلىككە شاھىت بولغۇچىلاردىن گۈلباھار جېلىل خانىم تۈنۈگۈنكى ۋەقەنىڭ ئۆزىدە دەسلەپتە قورقۇنچ پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ھەقنى ئاڭلىتىش ئىرادىسىنى يەنىمۇ تاۋلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن پېشقەدەم سىياسىي پائالىيەتچى ۋە جامائەت ئەربابى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى كۆزقاراشلىرىنى سورىدۇق.

ھامۇتخان ئەپەندى تۈركىيەدىكى چوڭ تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر دەرنەكلىرى ئۇيۇشتۇرغان چوڭ نامايىشلارنى خىتاينىڭ جاسۇس ئەۋەتىپ كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىق ھالدا لاگېر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ، تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىنى مۇقەررەر ھادىسە دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھامۇتخان ئەپەندى يەنە گەرچە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار خالىمايدىغان خەتەرلىك بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئاشكارا پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىت تۇغدۇرۇشىنىڭ تۈركىيە قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، مۇبادا ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچرىسا ياكى تەھدىتنى بايقىسا دەرھال تۈركىيە ئەدلىيە تارماقلىرىغا بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.