ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈۋاتقانلار توغرىسىدا تۈركلەرنىڭ كۆز-قاراشلىرى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلئىتىش ئۈچۈن 15-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغان چىققان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ پئىيئادە يۈرۈشى بۈگۈن 4-كۈنىگە قەدەم قويدى. ئۇلار سەپەرنىڭ 3-كۈنى ساكارىيەگە كەلگەندە يەرلىك تۈركلەر قوللاپ ئۇلار بىلەن شەھەر ئىچىدە بىرگە يۈردى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا بايانات بەردى.

ئۇلار 12-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە ساكارىيەنىڭ خەندەك ناھىيەسىگە يېتىپ بېرىپ كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. ساكارىيەنىڭ خەندەك ناھىيەسىدە ئۇلارنى «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى بىلەن «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى» نىڭ خەندەك شۆبىسى رەھبەرلىرى قىزغىن كۈتۈۋالغان ۋە ئۇلارنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرغان.

ئۇلار بۈگۈن، يەنى 19-دېكابىر كۈنى ئەتىگەندە ساكارىيەنىڭ خەندەك ناھيەسىدىن ئەتىگەندە يولغا چىقىپ يۈرۈشنى داۋام قىلدى. ھاۋا سوغۇق قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار توختاپ قالماي يۈرۈشنى داۋام قىلدى ۋە كەچ بولغۇچە يۈرۈپ دۈزجە شەھىرىنىڭ يېشىلئۇۋا رايونىغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار 15-دېكابىردىن 19-دېكابىرغىچە 4 كۈن يول يۈرۈش جەريانىدا 204 كىلومتېر يولنى پىيادە بېسىپ بولغان.

يوللاردا بىر قىسىم تۈركلەر ئۇلارنى قوللاپ سېپىگە قېتىلغان. ئۇلارنى يوللار كۈتۈۋېلىپ قارشى ئالغان بىر قىسىم تۈركلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنقەرەگە يۈرۈش ھەرىكىتى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇلاردىن بىرى بۇرسا شەھىرىنىڭ قاراجابەي ناھىيەسىگە جايلاشقان قاراجابەي قۇمتانىسى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سائىم بايرام ئەپەندى بولۇپ، ئۇ بۇرسادىن پىيادە يۈرۈۋاتقان كارۋانغا ھەمراھ بولۇپ ئىزمىت شەھىرىدىن ساكارىيەگىچە بىرگە يۈرگەن.

سائىم بايرام ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ھەم دىنىي ھەم قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بار. شۇ سەۋەبتىن ئارىمىزدىكى قېرىنداشلىق ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن ھېچ شۈبھە قىلمايمىز. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قانچە يىللاردىن بۇيان تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى بىز ياخشى بىلىمىز. ھالبۇكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدە توغرا تونۇشتۇرۇلمىغانلىقى سەۋەبىدىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە دىققەت بېرىش يېتەرلىك بولمىدى. بىز قاراجابە رايونىدا بۇ يۈرۈش پائالىيىتىگە قېتىلىش قارارى ئالغان ۋاقىتتا شەرقىي تۈركسىتاندىكى زۇلۇمنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن قەسەم قىلغان ئىدۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قاراجابەيدە بىر پروگرامما ئويۇشتۇرۇلدى. ئەمما بۇ پىيادە يۈرۈش بىز ئۈچۈن تېخىمۇ مەنىلىك بولدى. بىز بۇ يۈرۈشكە قاتناشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتاندا بىزگە ئاڭلىتىلغاندىنمۇ ئېغىر زۇلۇمنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىپ يەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ ھەم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەم بىزنىڭ خەلقىمىز تەرىپىدىن دەرھال دۇنياغا ئاڭلىتىلىشى كېرەك. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي بىر خىزمەت ئىشلىنىشى كېرەك.»

سائىم بايرام ئەپەندى يەنەمۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كۈچلۈكنىڭ يېنىدا ئەمەس، ھەقنىڭ يېنىدا تۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ھەقلىق بىر داۋادۇر. شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلىدىن بۇيان ئەركىن ئەمەس، ھۆر ئەمەس. شەرقىي تۈركسىتاندا 1949-يىلىدىن بۇيان زۇلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، مەيلى ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بولسۇن، مەيلى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بولسۇن، كېرەكلىك خىزمەت ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بىزلەرنىڭمۇ تۈرك خەلقى، تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يېنىدا بولۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تۈرك مىللىتىگە ۋاكالىتەن بۇ پىيادە يۈرۈشكە قاتنىشىپ ئۇلار بىلەن بىرگە يۈرۈۋاتىمەن. سالامەتلىك يار بەرسە ئەنقەرەگىچە بىرگە يۈرىمەن. بۇ يۈرۈش جەريانىدا شەرقىي تۈركسىتان داۋاسىنى ھەم يوللاردا ھەم ئەنقەرەدە كىشىلەرگە ئاڭلىتىمىز.»

كوجائېلى شەھىرىدىكى كوجائېلى ئىمام خاتىپلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئەخمەت دىنچەر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز تۈركلەر بۇ قۇتلۇق داۋا يولىدا مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەرنى قوللاپ يېنىڭلاردا بولىمىز. ھەق ھەر زامان ھەقتۇر. مەزلۇملار بۈگۈن قۇتۇلمىسىمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوقۇم زۇلۇمدىن قۇتۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز سەبىرچان بولسۇن، ئەندىشە قىلمىسۇن، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە سالام يوللايمەن.»

ئۇيغۇر پىيادىلەر كارۋىنى ساكارىيەنىڭ خەندەك رايونىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلارنى «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى خەندەك شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىدقى ئەپەندى كۈتۈۋالغان. ئۇ بىرگە ئولتۇرۇپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان. پىيادىلەر كارۋىنىنىڭ يېتەكچىسى ئېلى ئەكبەر داموللام ئۇيغۇرلار نامىدىن سىدقى ئەپەندىگە ئاي-يۇلتۇزلۇك كۆك بايراق ھەدىيە قىلغان.

«ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى خەندەك شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىدقى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەرنىڭ دەرد-ئەلەملىرىڭلارنى يۈرىكىمىزدە ھېس قىلىۋاتىمىز. بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەر تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملەرنى بېرىشكە بىز تەييار. مەن كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ تارتقان زۇلۇملىرىغا، كەركۈك ۋە مۇسۇلدىكى تۈركلەرنىڭ تارتقان زۇلۇملىرىغا ھېچ قاچان سۈكۈتتە قالمىدىم. ئاللاھ بىزنى سۈكۈتتە قالغان دىلسىز شەيتانلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىسۇن. بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى داۋام قىلىمىز. بىز سىلەر بىلەن ئەنقەرىگىچە يۈرەلمەيمىز، ئەمما قەلبىمىز سىلەر بىلەن بىرگە يۈرىدۇ. سىلەر تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملەرنى بىزمۇ يۈرەكلىرىمىزدە ھېس قىلىۋاتىمىز. بىز سىلەرنى بىر مەزلۇم دەپ قارىمايمىز، بەلكىم ئۆز قان-قېرىنداشلىرىمىز دەپ قارايمىز. قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇم تارتىۋاتسا بىز كەيپ سۈرۈپ يۈرەلمەيمىز. ھەر زامان يېنىڭلاردا بولىمىز.»

ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش كارۋىنى ئەسلىدە 9 كىشى بىلەن يولغا چىققان بولۇپ، ئۇلارغا يولدا قېتىلغانلار بىلەن ھازىر سانى 18 گە يەتكەن. پىيادە يۈرۈش كارۋىنىنىڭ يېتەكچىسى ئېلى ئەكبەر ھاجىم بۇ پىيادە يۈرۈش كارۋىنى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگىچە پىيادە يۈرۈش قىلىش نامىدا سەپەرگە ئاتلاندۇق. بۇ سەپەرنىڭ شوئارى شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلار تەرىپىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشتۇر. خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇ سەپەرنى 20 كۈندىن 30 كۈن ئارىسىدا داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن يولغا چىقتۇق.»