2015-يىلىدا تۈركىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
2015.12.31

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، 2015-يىلى تۈركىيە-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە مەلۇم ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سىياسىي جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەن.
2015-يىلى ئاخىرلىشىپ، 2016-يىلى كىرەي دەپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە 2015-يىلىدا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە نېمە ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ 2015-يىلى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟
بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز. بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىككى نەرسىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىرىنىڭ ئىقتىساد يەنە بىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئىككى مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم: بۇنىڭ بىرى ئىقتىسادىي مەسىلە، يەنە بىرى بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسى. خىتاي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسى، تۈركىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىقتىسادىي مەسىلە مۇھىم. ئىككى تەرەپ بۇ مەسىلىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ھەم پىكىر بولالمايۋاتىدۇ. خىتاي تۈركىيەگە ‹سىلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمغا ياردەم قىلساڭلار، بىز ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىلەرگە ياردەم قىلىمىز› دەۋاتىدۇ. 2015-يىلىدا بۇ مەسىلىدە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ياخشى چۈشىنىشتى دەپ ئويلايمەن. بۇ سەۋەبتىن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى بىلەن تۈركىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرى، يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق باشلاندى.
خىتاي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى دېدى، 2015-يىلى ئىچىدە خىتاي تۈركىيەدە بەزى مەبلەغلەرنىمۇ سالدى. خىتاي تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزەتمەكچى. 2015-يىلىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا داۋاملىق ھالدا بۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇزاكىرە قىلىندى، بەزى ئىلگىرىلەشلەرمۇ بولدى.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2015-يىلىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلەردە ئىلگىرىلەش بولغان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سىياسىي جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىلەردە ‹سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچ› سۆزىنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. دېمەك بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچ. يەنى ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ كەم بولۇشى. ئىككى دۆلەت 2015-يىلىدىن باشلاپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.»
قانداق قىلىپ كۈچەيتمەكچى؟ دېگەن سوئالىمغا ئۇ، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇنى ئىقتىسادىي، ئەسكىرىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتكەندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچ كۈچلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى 2015-يىلىدىن باشلىرىدىن تارتىپ تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، تۈركىيە دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەت بولغاچقا خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى خەلقنىمۇ رەنجىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ مەبلەغلىرىدىنمۇ ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ تەڭپۇڭلۇقنى قۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دولقۇنسىمان ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىگىمۇ مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى 2015-يىلىنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسى كۈچەيگەن بىر يىل بولغانلىقىنى، 2015-يىلى رامىزان ئېيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئاستا-ئاستا يەنە تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.