تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدىكى ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2017-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، 20 ياشلاردىكى تۇرغۇنجان يۈسۈپ بىر قانچە ئاي ئىلگىرى دادىسى ۋە ئاكىسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشىنى تاشلاپ، ئۈرۈمچىگە قايتىشقا تەۋەككۈل قىلغان. 19-يانۋار كۈنى ساۋاقداشلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىگە كىرمەي ئۆيىگە قايتقان تۇرغۇنجان، بىر ھەپتىدىن كېيىن دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇنىڭ ھازىر نەدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مەزگىل ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئىشلەشنى بىر قەدەر قولايلاشتۇرغان يېقىنقى يىللاردا چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ، خېلى كۆپ بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە ئوقۇش ۋە سودا ياكى ساياھەت ئۈچۈن كەلگەنلىكى مەلۇم ئىدى. ھالبۇكى بۇلتۇر 3-ئايدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيەنى نىشانلىق تەكشۈرۈلىدىغان 27 دۆلەت قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، تۈركىيەگە كېلىپ-كەتكەنلەرنىڭ بىردەك تەقىب نىشانىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيىلەش مەركەز» لىرىگە، ھەتتا بەزىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى قېرىنداشلىرى تۈركىيەدە بولغانلىقى سەۋەبلىكمۇ ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار كۆپەيمەكتە.
تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدىكى ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان تۇرغۇنجان يۈسۈپنىڭ، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق دادىسى ۋە ئاكىسىمۇ 7 ئاي بۇرۇن، دائىرىلەر تەرىپىدىن ئائىلىسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىقتىسادىي مەنبەسى ئۈزۈلگەن تۇرغۇنجان تۇرمۇشتا ئىقتىسادتىن قىينالغان. ئۇ، ئائىلىسىدە ھېچ بىر ئەركەك قالمىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بېقىمسىز قالغان ئانا ۋە قىز قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىشنى ئويلاپ، ئاخىرى بۇ يىل 19-يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە قايتقان.
ئۆزىنى تۇرغۇنجاننىڭ تۈركىيەدىكى دوستى دەپ تونۇشتۇرغان بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ بايان قىلىشىغا قارىغاندا، تۇرغۇنجاننى ئۆزى ۋە باشقا دوستلىرىمۇ، بۇنداق بىر ئېغىر ۋەزىيەتتە ئۈرۈمچىگە قايتىشتىن توسۇپ قېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ نەسىھىتىنى رەت قىلىپ قايتقان. ئەمما قايتا ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلمىگەن. بۇ قىز ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تونۇش-بىلىشلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىپ بىلىشىچە، گەرچە تۇرغۇنجان ئۆيىگە ساق-سالامەت يەتكەن بولسىمۇ، بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنى 27-يانۋار مەھەللە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ ئانىسىمۇ تۇرغۇنجاننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر ئالالمىغان ئىكەن.
بۇ قىز ئوقۇغۇچى يەنە، تۇرغۇنجاننىڭ دادىسى «تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا ئارىلاشما» دەپ تاپىلىغانلىقى ئۈچۈن ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارغا ئارىلاشماي، پائالىيەتلەرگە قاتناشماي ئۆزىنى ئۇيغۇرلاردىن قاچۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، گەرچە دەرستىن سىرت بوكسىيورلۇق قىلىپ چېنىقىپ يۈرسىمۇ، ئەمما روھىي جەھەتتىن يەنىلا ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ «ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ۋە كىرىمى ئۈزۈلۈپ قالغان تۇرغۇنجان، بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمىدى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۇرغۇنجان ئۈرۈمچىگە قايتىشنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، بارلىق قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرىنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ ۋە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ تامغىلىرىنى قويدۇرۇپ ئېلىپ، تولۇق تەييارلىق بىلەن قايتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
تۇرغۇنجان بۇلتۇر 12-ئايدا مۇناسىۋەتلىك بۇ ماتېرىياللارنى تۈركىيەدىكى بىر تەرجىمە شىركىتىگە تەرجىمە قىلدۇرغان بولۇپ، رادىيومىزنى تۇرغۇنجاننىڭ شۇ شىركەتتە قالدۇرغان ماتېرىيال ئارخىپلىرى بىلەن تەمىنلىگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئۇ تۇرغۇنجاننى تونۇمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ماتېرىياللارنى ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن كېرەك بولىدۇ دەپ تەرجىمە قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى قايتىپ كەتمەسلىككە ئۈندىگەن ئىكەن.
بىز تۇرغۇنجاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى، يەنى ئەگەردە ئۇ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولسا، يىغىۋېلىش ئورنى ياكى يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە قامالغان ياكى باشقا جايلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن تېلېفون ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ھازىرچە نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق.
تۇرغۇنجاننىڭ ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ 1998-يىلى 25-فېۋرال ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 2014-يىلى 11-ئايدا خىتاي پاسپورتى بېجىرگەن ئىكەن.
تۇرغۇنجاننىڭ نۆۋەتتىكىدەك ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىشىغا، مەيلى قانداقلا بىر سەۋەب مەجبۇر قىلغان بولمىسۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان ۋە تەييارلىق كۆرگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاشماي، پەقەت ئوقۇش بىلەنلا بولغانلىقىدىن بۇ ئىشەنچىگە كەلگەن بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن ئىكەن.
ئۇنى بىلىدىغانلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۇرغۇنجان گەرچە ئۇيغۇرلار ھازىر ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولسىمۇ، لېكىن دادىسى ۋە ئاكىسى ئۆزى سەۋەبلىك تۇتۇپ كېتىلدى دېگەن ۋىجدان ئازابى ۋە ئائىلە ئايالى ئانىسى ھەم سىڭىللىرىنىڭ تەس كۈندە قالغانلىقى ئۇنى قايتىپ كېتىشكە قىستىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، دائىرىلەر داۋاملىق تۈردە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش، جازالاش، تېلېفون قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىت سېلىشلار ئارقىلىق قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىماقتا.
يېقىنقى كۈنلەردە تۇرغۇنجاننىڭ چەتئەللەردىكى ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرى تۇرغۇنجان ھەققىدە ئۆزلىرى بىلگەنلىرىنى، ئۇنىڭ سۈرەت ھەم ماتېرىياللىرىنى يەتكۈزدى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنىلا تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىتلەر سەۋەبلىك ئوقۇشلىرىنى تاشلاپ ئۆيگە قايتىشنى ئويلىشىۋاتقان ياكى ئىككىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى، تۇرغۇنجاندىن ئىبرەت ئېلىشنى تەۋسىيە قىلماقتا.