ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىكى قىيىن - قىستاق ئەھۋاللىرى ئەركىن دۆلەتكە چىققان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىسمەتلىرى بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلانماقتا.
ئۇيغۇر مەھبۇسلار تۈرمە ئىچىدە ھەر خىل «بوشۈككە بۆلەش»، «قارا كامىرغا سولاش» قاتارلىق قەبىھ قىيناش ئۈسۈللىرى بىلەن قىيناپ ئۆلتۇرۈلۈشتىن باشقا يەنە، تۈرمە ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان خىتاي جىنايەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتكۈزۈش، ئوكۇل، سۇيۇقلۇق دورىلار ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇش قاتارلىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى سىرتقا چىققاندىن كېيىن ئاشكارىلىماقتا.
بىز ھازىر تۇركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەردە 17يىللىق ھاياتىنى قاماقتا ئۆتكۈزگەن سابىق سىياسىي مەھبۇس ئادىل ئابدۇغۇپۇرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بىزگە تۈرمە ئىچىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى قىينىغان ئەھۋاللارنى ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇغېنى ئەمەتنىڭ قەپەزدە ئۆتكۈزگەن 9يىللىق ھاياتىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئاڭلاتتى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا سىياسىي مەھبۇسلارغا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇش ئەھۋالىنىڭ پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00