ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇنۇشلاردىن كېيىن ئەركىن دۇنياغا قەدەم باسقان بىر سابىق مەھبۇس رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ئوراپ تۇرغان سۈكۈناتنى ئاخىرى بۇزدى.
ئۇنىڭ ئۈرۈمچى كازىۋەندىكى 2 - تۈرمىدە كۆرگەن - بىلگەنلىرى ھەمدە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى تۆمۈر پەردە ئارقىسىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ، بولۇپمۇ سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئاشكارا قىلدى.
ئۇ «سىياسىي جىنايەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدە ساقچىلارنىڭ قاتتىق زۇلۇمىغا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى تۈرمىدىكى خىتاي جىنايەتچىلەرنىڭمۇ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە كازىۋەن تۈرمىسىدە ئۆزى كۆرگەن ئۇيغۇر «سىياسىي مەھبۇس» لارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن ياشلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنىڭ 35 ياش، ئەڭ كىچىكلىرىنىڭ 15 ياشتىن 18 ياش ئارىلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇندىن باشقا، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ تۈرمە بەلگىلىمىسى ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىيەلەيدىغان سىياسىي ناخشىلارنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايچە ئېيتىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەگەردە ئۇلار خىتايچە ناخشىنى توغرا ئېيتالمىسا قاتتىق تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00