ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر تاشقورغاندا 14 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغان

0:00 / 0:00

بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن تۇرسۇن غوپۇر، كەچۈرمىشلىرىنى ئىزچىل ھالدا ئاخباراتقا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقانلاردىن بىرى، ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى كۆپ قېتىملاپ قوبۇل قىلغاندىن باشقا، لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە بۆشۈن قاتارلىق خىتايچە خەۋەر تورلىرىنىڭمۇ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى جىددىي ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى پاش قىلىپ كەلگەن.

شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى 18 - قۇرۇلتاي ھارپىسىدا ئۇنى بېيجىڭدىن تۇتۇپ ئەكەتكەندە، مۇخبىرلار بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۆيىگە ئاپارماستىن ئۇدۇل تاشقورغانغا ئاپىرىپ، تاشقورغاندا 14 كۈن تۇتۇپ تۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇنى 6 كىشى كۈن بويى نازارەت قىلغان.

تۆۋەندە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئاڭلايسىلەر، بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

سوئال: تاشقورغاندا قانچە كۈن تۇتۇپ تۇرۇلدىڭىز؟

جاۋاب: جەمئىي 14 كۈن.

سوئال: تۇتۇپ تۇرۇلغان يېرىڭىز قاماقخانىمۇ، دوختۇرخانىمۇ، قانداق بىر يەر؟

جاۋاب: يېزا سېكرىتارلىرىنىڭ ئۆيى. بىر كۈنى بىر يېزا سېكرىتارىنىڭ ئۆيىدە، يەنە بىر كۈنى يەنە بىر سېكرىتارنىڭ ئۆيىدە...جىدەللەشسەم، يېزا بازارلىرىغا ئابپرىدۇ، بولمىسا ئۆيدىن تالاغا چىقارمايدۇ.

سوئال: سىزنى نازارەت قىلغانلار كىملەر؟

جاۋاب: يېڭىشەھەر ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سىياسىي قانۇنغا مەسئۇل سېكرىتارى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت ئىدارە باشلىقى قاتارلىق 6 كىشى.

سوئال: ئۇلار 14 كۈن داۋامىدا سىزنى تۇتۇپ تۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلمىدىمۇ؟

جاۋاب: ياق، قىلمىدى. ئۇلار «يۇقىرىدىن 18 قۇرۇلتاي ئاخىرغىچە سېنى بېقىشىمىزنى ئورۇنلاشتۇردى. قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقىچە ساڭا قارايمىز، سەن نېمە يېسەڭ شۇنى يەيمىز، ئۆلسەڭ بىللە ئۆلىمىز، بۇ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، بىزنىڭمۇ ئامالىمىز يوق» دېيىشتى.

سوئال: نىمە ئۈچۈن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپارماي، ياكى قاماققا سولىماي، تاشقورغانغا ئاپىرىدۇ، سەۋەبىنى سوراپ باقتىڭىزمۇ؟

جاۋاب: سورۇدۇم. سورىسام «يېزاڭغا ئاپىرىپ قويساق، ساقچىلار سېنى سولاپ قويىدۇ، ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويساق، ئۆيۈڭدىكىلەر ياكى سەن بۇ ئىشنى مۇخبىرلارغا دەپ قويىسەن، شۇڭا سېنى بۇ يەردە ساياھەت قىلدۇرۇۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۇرسۇن غوپۇر تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىمىزدە، خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ 1993 - يىلى قەشقەردە ھەربىي مەشقتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن 10 نەچچە ئۇيغۇر بالىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى پاش قىلغان. ئۇ يەنە ئالدىنقى يىلى قەشقەر يېڭى شەھەر قاماقخانىسىنىڭ باشقۇرۇلۇش تۈزۈملىرى ۋە قاماقخانىدا يېتىۋاتقانلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. تۇرسۇن غوپۇر يەنە ئۆتكەن يىلى، نۇر بەكرىنىڭ ئەرز تەستىقىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەردە كارغا كەلمىگەنلىكى ۋە يېڭىشەھەردىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نۇر بەكرىنى مازاق قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

تۇرسۇن غوپۇر ئەرزگە ئاتلانغان 19 يىلدىن بۇيان 20 قېتىمغا يېقىن تۇتقۇن قىلىنغان؛ بۇلاردىن بىر قېتىمىدا 2يىللىق يەنە بىر قېتىمىدا 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. يۇقىرقىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇن غوپۇرنى تۇتۇش ۋە سولاش بىلەن يولىدىن ياندۇرالمىغان خىتاي دائىرىلىرى، يېقىندىن بۇيان جازالاش تەدبىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى پەقەت مۇخبىرلار بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق يولىنى تاللىغان. بۇ تاللاش، ئۇنىڭ 18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدە تاشقورغاندا يېزا سېكرىتارلىرىنىڭ ئۆيىدە 14 كۈن تۇتۇب تۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان.