2013 - يىلى خىتايدىكى سىياسىي سەۋەبلىك قولغا ئېلىش، سوتلاش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بەرگەن

0:00 / 0:00


دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 2013 - يىلى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئىلىدا «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ۋە سوتلانغان دىلو ھەم شەخسلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، شۇ يىلى خىتايدا 2384 كىشى بۇ خىل «جىنايەت» بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋە سوتلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بەرگەن. دوكلاتتا، بۇ خىل سىياسىي «جىنايەت» بىلەن سوتلانغان 31 كىشىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇسالام ئابلەت، ئابدۇكېرىم مەمەت ۋە كېرەم مەمەت قاتارلىق ئۈچەيلەن بار.

لېكىن دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا بۇ خىل «جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ۋە سوتلانغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئىلىدا بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تولۇق سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلىمىگەچكە، ئاران يۇقىرىقى 3 ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۆچەيلەن 2013 - يىلى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئابدۇسالام ئابلەت 10 يىللىق، ئابدۇكېرەم مەمەت 4 يىللىق ۋە كېرەم مەمەت 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن سىياسىي ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى «ئەكسىلئىنقىلابچى» دەپ باستۇرۇپ كەلگەن. بىراق ئۇ 1990 - يىللارغا كەلگەندە «ئەكسىلئىنقىلابچى»نىڭ ئورنىغا «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» جىنايىتىنى دەسسەتكەن. بۇ ئۇقۇم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنى ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتىكى قورالى بولۇپ كەلگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسى خىتاي نوپۇسىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى ئىگىلىسىمۇ، بىراق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە سوتلانغانلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ زور سالماقنى ئىگىلىشى دىققەت قوزغايدۇ.

ئامېرىكىدا تۇۇرشلۇق خىتاي تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى لى خۇڭكۈەن ئەپەندى، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھازىرقى سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ نوقۇل باستۇرۇش سىياسىتى بۇ خىل غەيرىي نورمال ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ھەم ئىنتايىن خەتەرلىك، ھەم قانۇنسىزلىق، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ: جۇڭگو مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر پروفېسسورى (ئىلھام توختى) يېقىندا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇ، پەقەت توردا ماقالە يازغان. ئۇنىڭ ماقالىسى ناھايىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئاشقۇنلۇق ياكى مۇستەقىللىق پىكىرى يوق. پەقەتلا شىنجاڭدىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭغا مۇددەتسىز كېسىلدى. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ: دېمەك، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆز سايىسىدىن ئۈزى قورقىدىغان ئەھۋالغا بېرىپ قالغان، جۇڭگو قانۇنلىرىنى پۈتۈنلەي بىر چەتكە قايرىپ قويغان. بۇ خىل خائىش ئىنتايىن خەتەرلىك. بۇ شىنجاڭدا ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى تراگىدىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قان تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ بۇ مەسىلىنى توغرا ھەل قىلالمىدى. ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى، دەپ كۆرسەتتى

دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، 2013 - يىلى خىتايدا 1381 كىشى«دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان، 937 كىشى شۇ خىل «جىنايەت» بىلەن قولغا ئېلىنغان.

دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى بۇرۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، 2013 - يىلى ئۇيغۇر ئىلىدا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە چېتىلىپ سوتلانغانلارنىڭ 10 % ئارتىپ، شۇ يىلى 300 قېتىم 1 - سوت ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لى خۇڭكۇەن ئەپەندى، ئۇيغۇر مەسىلىسى نوقۇل باستۇرۇشقا تايىنىپ ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، باستۇرۇشنىڭ داۋاملىق قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: داۋاملىق باستۇرۇش بىلەن شىنجاڭ خەلقى قايىل بولمايدۇ. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ قارشىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ھەرىكەتلەر تېخىمۇ شىددەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىمەن دېسە، ئۇ چوقۇم شىنجاڭ مەسىلىسى بىلەن يۈزلىشىشى، ئۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك. سەن پەقەت ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنى پۇرسەت بىلىپ، بۇ قالپاقنى باشقىلارغا كىيگۈزۈزمەكچى بولساڭ، ھەر خىل سورۇنلارنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مازاق قىلماقچى بولساڭ، بۇ توغرا ئەمەس.

لېكىن خىتاي ئاخباراتىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئىلىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «تېررورلۇق» نامىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يۇمشىتىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق بىشارەت يوق. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا چاقىرغان مۇقىملىق خىزمەت يىغىنىدا، بۇ يىل «تېررورلۇق»، «دىنىي ئاشقۇنلۇق»قا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 22 - ماي يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك كۆكتات بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىلىدا بىر يىللىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلىغان. بۇ ھەرىكەت بۇ يىل 5 - ئايغا قەدەر ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.

بىراق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يىغىندا، «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىگە داۋاملىق «ئاكتىپ» ھۇجۇم قىلىش، «ئالدىنئالا قول سېلىش»، «بۆشۈكىدە يوقىتىش»نى تەكىتلەپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.