تۈركىيەدىكى «ئۆنجۈ» گېزىتىدە «داڭلىق پروفېسسورنىڭ ئايالى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقالمىدى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. 4-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان، سەدا ئۆنجەلەر خانىم يازغان مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ تونۇلغان قەدىمكى تۈرك تىلى پروفېسسورلىرىدىن ئەرخان ئايدىننىڭ ئايالىنى چەتئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلمىدى. 5 ئايدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايۋاتقان مېھرىبان ئايدىننىڭ نېمىشقا چىققىلى قويۇلمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا تېخى ئېنىق مەلۇمات يوق».
تۈركىيەنىڭ مالاتيا شەھىرىدىكى ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قەدىمكى تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەرخان ئايدىننىڭ ئۇيغۇر ئايالى مېھرىبان ئايدىننىڭ تۈركىيە پۇقرالىقى رەسمىيەتلىرى تېخى پۈتمىگەن بولۇپ، 5 ئاي بۇرۇن ئانىسىنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە كەتكەندىن بۇيان تۈركىيەگە قايتىپ كېلەلمىگەن. «ئۆنجۈ» گېزىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مېھرىبان خانىمنىڭ يولدىشى پروفېسسور دوكتور ئەرخان ئايدىن ئەپەندى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ئارقىلىق ئايالىنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان.
ئەرخان ئايدىن ئەپەندى مۇخبىرغا بەرگەن باياناتىدا ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئايالىنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «2013-2014-يىللىرىدا بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس بېرىۋاتقان ۋاقتىمدا خىتاي ۋە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ قانۇنى بويىچە توي قىلدۇق. ئايالىممۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. ئۇ، تۈركىيەدە خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئەلچىسىدەك ئىشلىدى. 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئانىسى كېسەل بولۇپ قالغاچقا بىر ھەپتىلىك رۇخسەت ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كەتكەن ئىدى. ئەمما خىتاي دۆلىتى ئايالىم مېھرىباننىڭ ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلىقىغا قارىماستىن تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. توي خېتىمىزنى، ئايالىم مېھرىباننىڭ تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلەۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى كىنىشكىلىرىنى خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىدىن تەستىقلىتىپ ئەۋەتكەن بولساممۇ، ئايالىمدىن خەۋەر كەلمىدى. 5 ئايدىن بېرى ئايالىمنى كۆرەلمەيۋاتىمەن. بىز تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت قىلدۇق. خىتايغا قارشى ھېچقانداق پىكرىمىز يوق. بالدۇرراق ئايالىمنىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىمەن».
ئەمما، مېھرىباننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرى» دەپ ئاتالغان «جازا لاگېرى» غا سولانغان-سولانمىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر يوق ئىكەن.
تۈركىيەدە خىتايغا قارشى ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتكىمۇ قاتناشمىغان ئوقۇغۇچىلار، زىيارەتچىلەر، ھەتتا خىتاي دۆلىتىنىڭ مەدەنىيەت، سودا-ئىقتىساد ئەلچىسىدەك خىتاي خىزمەت قىلغان بەزى كىشىلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ كەتكەندىن «جازا لاگېر» ئىغا سولىنىش ئەھۋالى يۈز بەرگەنلىكى ئىنكاس قىلىنماقتا ئىدى.
بۇنداق ئەھۋاللارنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقوغلۇ ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بىلگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى مېھرىبان خانىم ۋە ئۇنىڭ ئېرى بىلەن ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا بىر خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تونۇشقان، ئەمما مۇرات ئورخۇن ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر» دەپ تونۇشتۇرغاچقا ئۇلار ئاچچىقلانغان. مۇرات ئورخۇن بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتايغا قارشى ھېچقانداق بىر پائالىيەتكە قاتناشمىغان كىشىنىمۇ چەتئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى.
«ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا ئەكىرىۋالغانلىقى يېزىلىۋاتىدۇ. بارلىق ئۇيغۇرلارنى جازالاۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىدىن ساۋاق ئالارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا، ئەركىن ئەكرەم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقوغلۇ ئەپەندى 2012-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان بولۇپ، كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغان. ئۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىي بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇلارنى ئىبادەت قىلغىلى قويماي، مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار جىنايەت سادىر قىلمىسىمۇ جازالاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدۇق، ناھايىتى مەدەنىي، زوراۋان ئەمەس كىشىلەر ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئۆز كىملىكى بىلەن ياشىشىغا رۇخسەت قىلماي، زىددىيەت پەيدا قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئۇيغۇرلار ئىبادەت قىلغىلى مەسچىتكە بارسا ئەسكەرلەر تەكشۈرىدىكەن، قەشقەردە بۇلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. قايسى مىللەت بىلەن توي قىلغان بولسا بولسۇن، قايسى دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولسا ياشىسۇن ئۇيغۇرلار بولىدىكەن لاگېرغا قاماۋېتىپتۇ. بىگۇناھ ئىنسانلارغا بۇنداق قىلىش ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا خىلاپ، خىتاي بۇ سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك».
4-سېنتەبىر كۈنى «ئۆنجۈ» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ئۈرۈمچىلىك مېھرىبان ئايدىننىڭ تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كۆرۈشۈۋېتىپتۇ.
مەزكۇر خەۋەر 5-سېنتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن «خابەر تۈرك» گېزىتى بىلەن «ھۆرىيەت گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە ئېلان قىلىندى. بۇلاردىن سىرت malatyahaber.com تور گېزىتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلدى.