گەنسۇدىكى تۈرمە خادىمى: «ئۆلكىمىزدە شىنجاڭدىن يۆتكەپ كېلىنگەن تۇتقۇنلار بەك كۆپ، ھەممە تۈرمىلەردە بار»

0:00 / 0:00

«زىمىستان» تورىنىڭ 2‏-فېۋرال كۈنىدىكى ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان گەنسۇ ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئۇيغۇر رايونىدىن گەنسۇغا يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ «بەك كۆپ، بەك كۆپ» ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ گەنسۇدىكى ھەممە تۈرمىلەردە بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىم يەنە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ھېچقانداق بىر كىشى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ بىر ئايچە توختىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئەمما بۇ توختاشنىڭ قانائەتلىنەرلىك بىر سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەن. بۇ ئەھۋال جەمئىيەتتە لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ زور تۈركۈمدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشى ھەققىدە پەرەز ۋە ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان ئىدى. شۇ چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا يەنە خېيلوڭجياڭنىڭ تەيلەي تۈرمىسىگە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىپ بولغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايوندىن ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن بىر قىسىم تۇتقۇنلار شەنشىنىڭ سۈيجياگو تۈرمىسىدىن باشقا يەنە گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن تۈرمىسىگىمۇ يۆتكەلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يۆتكەش ئۆتكەن يىلىنىڭ 24‏-ئاۋغۇست كۈنى ئېلىپ بېرىلغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن گەنسۇ ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچى خادىم دەسلەپتە ھازىر چاغان مەزگىلى ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدىكى بىر ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، گەنسۇ ئۆلكىسىدە لەنجۇ تۈرمىسى، جيۇچۈەن تۈرمىسى ۋە بەييىن تۈرمىسى دېگەن ناملاردا 21 تۈرمە بار بولۇپ، بۇلار گەنسۇنىڭ مەركەز ۋە چەت ياقىلىرىدىكى 15 تىن ئارتۇق شەھەر ۋە ناھىيىسىگە جايلاشقان. شۇڭا بىز تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىمدىن ئۇدۇللا بەييىن تۈرمىسىدە ئۇيغۇر رايونىدىن ئەكېلىنگەن مەھبۇسلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم «ئەلۋەتتە بار» دەپ جاۋاب بەردى ۋە بەييىن تۈرمىسىگە بېرىپ ئالاقىدار خادىملار بىلەن كۆرۈشۈشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن گەنسۇغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ گەنسۇدا «بەك كۆپ، بەك كۆپ» ئىكەنلىكىنى، گەنسۇدىكى ھەممە تۈرمىلەردە مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن تۇتقۇنلارنىڭ گەنسۇغا يۆتكەلگەن ۋاقتىنى سورىغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەردىن ئەمەسلىكى، ئۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا سىر تۇتۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭدىن يۆتكەلگەنلەر ئارىسىدا ئايال تۇتقۇنلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئۇ بار ئىكەنلىكىنى چەتكە قاقماسلىق بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدە مۇنداق تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر رايوندىن يۆتكەپ كېلىنگەن مەھبۇسلار ئادەتتىكى ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر ئەمەس بولۇپ، ئۇلار ئالاھىدە باشقۇرۇلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر كىشى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. ئۇلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار سىر تۇتۇلىدىكەن. ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي بىلىدىغان كىشىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش ھوقۇقىنىڭمۇ چەكلىك ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر رايونىدىن ئەكېلىنگەن مەھبۇسلار ئارىسىدا قازاق ۋە قىرغىز تۇتقۇنلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئالاقىدار خادىم گەنسۇغا ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەنلەرنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن چاغاندىن كېيىن تېلېفون قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، شۇ چاغدا ئۇ بىزنى بۇ جەھەتتە تەپسىلىي مەلۇماتلىق كىشى بىلەن ئۇچراشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ سۆز ئارىسىدا بۇ تېمىدا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئېنىق ۋە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، «زىمىستان» تورىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن گەنسۇغا يۆتكەلگەن مەھبۇسلار ھەققىدىكى خەۋىرىدە تەسۋىرلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى 22‏-ۋە 23 ‏-ئاۋغۇست كۈنلىرى جيۇچۈەن پويىز ئىستانسىسى بىلەن جيۇچۈەن تۈرمىسى ئارىسىدىكى يوللار قامال قىلىنغان. چوڭ يوللارنىڭ ئوتتۇرىغا ئىككى قۇر ئالىبالداق تاياقلار قويۇلۇپ، مەخسۇس مەھبۇس سولانغان ماشىنىلار ماڭىدىغان كارىدور) پاسىل( بەرپا قىلىنغان ئىكەن. بۇ ئىككى كۈندە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار مەزكۇر يول ياقىلىرىدىكى دۇكانلارنى تاقاتقۇزۇپ مەخسۇس مەھبۇس يۆتكەش مەشىقى ئېلىپ بارغان. 24 ‏-ئاۋغۇست كۈنى مەھبۇسلار 30-40 چە ئاپتوبۇس بىلەن پويىز ئىستانسىدىن جيۇچۈەن تۈرمىسىگە رەسمىي يۆتكەلگەن. بۇ چاغدا يوللار توسۇلۇپ، ئادەملەر ئۇزاقلاشتۇرۇلغان. پۈتۈن دۇكاندارلار ئىشىك-دېرىزىلىرىنى تاقاش ۋە سىرتقا قارىماسلىققا بۇيرۇلغان.