«تېلېۋىزىيەدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇش» مەسىلىسى ئىنكاس قوزغىماقتا
2016.03.03

خىتايدا يولغا قويۇلىۋاتقان «تېلېۋىزىيەدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇش» مەسىلىسى غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، مۇخبىرلار ھەمدە ئادۋوكاتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنى «تېلېۋىزىيەدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇش» مەسىلىسى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپلا ياۋرۇپا بىرلىكى، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەمدە چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىيەتنى تۈزەش، كومپارتىيىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن پىكىر ئېقىمى ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە «تېلېۋىزىيەدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇش» تىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇلنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.
فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 2 - مارتتىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى جۇ جىڭفۇ 3 - مارت كۈنى خىتايدا «ئىككى ئومۇم يىغىن» باشلىنىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «تېلېۋىزىيەدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇش» مەسىلىسى ھەققىدىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى جىنايەت گۇماندارلىرىنى تېلېۋىزىيەدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشىنى توختىتىشقا چاقىرىپ، بۇنىڭ «جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئەدلىيە ئادىللىقىنى قوغداشقا پايدىسىز ئىكەنلىكى» نى تىلغا ئالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتە 2 - مارت ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتاي ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى جۇ جىڭفۇنىڭ قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىپ، ئۇنىڭ «تېلېۋىزىيەدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە قانۇنسىز دەلىل - ئىسپاتلارنى رەت قىلىشنى تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى، ھۆكۈم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىدىغانلىقى ۋە سوتنىڭ ئادىل ھۆكۈم قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
خەۋەردە يەنە، خىتايدىكى گاۋ يۈگە ئوخشاش مەشھۇر ئاخباراتچىلار، خوڭكوڭ توڭلۇۋەن كىتابخانىسىنىڭ بەش نەپەر خىزمەتچىسى ھەمدە شىۋېتسىيىلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتېر داھلىن قاتارلىق كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ «تېلېۋىزىيەدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇش»قا مەجبۇرلانغانلىقى تەكىتلەنگەن.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 2 - مارتتىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە تىلغا ئېلىشىچە، جۇ جىڭفۇ يەنە « تېلېۋىزىيەدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلىش ئەمەلىيەتتە ھەقىقى تۆۋە قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ، جىنايىتى بارلىقىنى ياكى جىنايىتىنى ھەقىقى ئېتىراپ قىلىشنىمۇ ئىسپاتلىيالمايدۇ. جىنايەت گۇماندارى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا ھەمدە ئەمەلىيەتتىن يۈز ئۆرۈشكە مەجبۇرلانمىغۇچە، ئۆزلىكىدىن تېلېۋىزۇردا جىنايىتىگە تۆۋە قىلمايدۇ» دېگەن.
جۇ جىڭفۇنىڭ قارىشىچە، تېلېۋىزۇردا جىنايىتىگە ئىقرار ۋە تۆۋە قىلغانلار ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلانغان كىشىلەر بولۇپ، بۇ ئەدلىيە ۋە سوتنىڭ ئادىللىق پرىنسىپلىرىغا خىلاپكەن. ئۇ بۇ مەسىلىنى 3 - مارت بېيجىڭدا باشلانغان «ئىككى ئومۇمى يىغىن» دا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ تېلېۋىزىيەدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلىش ۋە تۆۋە قىلىش قىلمىشلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدا 2014 - يىلىدىن باشلاپلا كەڭ يولغا قويۇشقا باشلىغان. بولۇپمۇ 2015 - يىلىدىن تارتىپ «تېلېۋىزىيەدە جىنايىتىگە ئىقرار قىلىش»قا دائىر مەلۇماتلار خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى، خەلق تورى، شىنجياڭ تېلېۋىزىيىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدە «ئاپتونۇم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تېمىسىدىكى يۈرۈشلىك تەشۋىقات فىلىملىرى» دېگەن تېما ئاستىدا ئىكران ۋە تورلاردىن ئورۇن ئالغان.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا جىنايىتى بېكىتىلىپ، سوتنىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىنمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىمۇ تېلېۋىزۇرلاردا تۆۋە قىلدۇرۇشتەك ئىنسانىيەتسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە جىنايىتىگە تۆۋە قىلدۇرۇش قىلمىشلىرىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇددىئاسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
ئامېرىكا ئاۋازى، فرانسىيە ئاۋازى، ب ب س ۋە گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى جۇ جىڭفۇنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ تۇتقۇنلارنى تېلېۋىزۇردا جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇشى رازۋىتكا ئورگانلىرىنىڭ دىلو پاش قىلىش بېسىمىنى ئاشۇرىدىكەن، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جىنايى دەلىلنى بېكىتىشىنى قولايلاشتۇرىدىكەن، ئەنزە بىجىرگۈچىلەرنى ماكاپاتلارغا ئېرىشتۈرىدىكەن. بىراق، سوتنىڭ ئادىل بولۇشىغا، جاۋابكارلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە توسالغۇ بولىدىكەن.