رابىيە قادىر: دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىئومىزغا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى 28 ‏-ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى دۇنيادىن يوشۇرماسلىققا چاقىرىش بىلەن تەڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. تيەنئەنمېن مەيدانى خىتايدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارىتا ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سەھنىسى بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ قېتىم تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە گۇماندارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ۋەقەدە قوللانغان ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. شۇنداقلا بېيجىڭ دائىرىلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداننى قاتتىق قامال قىلغاندىن باشقا، سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ھەم كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن. رابىيە قادىر خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىملىق تۇتۇش ۋە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار بۈگۈن قايتىدىن دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 29- ئۆكتەبىر ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدىن رادىئومىزغا تېلېفون ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ھازىرچە ۋەقەگە ئالدىراپ باھا بېرەلمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ئېلان قىلغاندەك ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ئېنىقلانغان گۇماندارلارنىڭ بىرىنىڭ تېخى ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىندا قارشىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن لۈكچۈندىن، يەنە بىرىنىڭ بولسا گۇمىدىن ئىكەنلىكىدەك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۆزىنىڭ، تيەنئەنمېن مەيدانىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان بېسىم سىياسەتلىرىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغان ئۇيغۇرلار، ئاخىرى نارازىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈرىكى ۋە سىمۋولى بولغان تيەنئەنمېن مەيدانىنى تاللاپ ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ ئىپادە قىلىدىغان سىگنالىنىڭ ئالاھىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بارغان ھەر قانداق نارازىلىق قارشىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم باستۇرۇش، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، تيەنئەنمېندىكى بۇ ۋەقەنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرىگە ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ قاتتىق تەقىپكە ئالىدىغان پۇرسەت بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا خىتاينى مەزكۇر ۋەقەنىڭ چىنلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرماسلىققا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا، «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىنچلىقى، خىتاينىڭ تىنچلىقى بىلەن، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى بىلەن زىچ باغلانغان، بىز تېخىمۇ زور قان تۆكۈلۈش ھەم نارازىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئارزۇسىنى ئەركىن ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالغان خەلقلەر ئۈستىدىكى باستۇرۇشىنى توختىتىشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھەر قايسى ئەللەر ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىمىز» دەپ بايانات بەردى.

باياناتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.