تۈنۈگۈن بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ تيەنئەنمىنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار خەلقئارا خەۋەرلەردە ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەشكە باشلىغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى (ئا ئۇ ب) نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن بۇ ئۇچۇر ۋە پەرەزلەرگە قارىتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ پوزىتسىيىسىنى سورىدى. ئىلشات ھەسەن ۋەقە ھەققىدە خىتاي تەرەپ تارقاتقان ئۇچۇرلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە: «ئەگەر ۋەقەنىڭ راستىنىلا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى ئىسپاتلانسا، دۇنيا جامائىتى بۇنىڭغا ئەجەبلەنمەسلىكى كېرەك» دېدى. ئىلشات ھەسەن بۇ سۆزلىرىگە ئاساس سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر قاتار قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
سوئال: تۈنۈگۈندىن باشلاپ كۆپىنچە دۇنيا خەۋەرلىرى تيەنئەنمىندىكى ۋەقە ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ؛ تۈنۈگۈن كەچ ۋە بۈگۈندىن ئېتىبارەن ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ، سىلەر يەنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى چوقۇم بۇ خەۋەرلەرنى كۆزىتىۋاتىسلەر دەپ قارايمىز، ۋەقە ھەققىدە سىلەرنىڭ ئۆز ئالدىڭلارغا مۇستەقىل ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشۈڭلار بولدىمۇ، ئىگىلىگەن پەرقلىق مەلۇماتلىرىڭلار بارمۇ؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خەۋەرلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز؛ ئەمما ۋەقە شەرقى تۈركىستاندا ئەمەس، بېيجىڭدا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز يوشۇرۇن قاناللىرىمىز ئارقىلىق مەلۇمات ئېلىپ بېقىش ئىمكانىمىز بولمىدى. ھەممىگە مەلۇم ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، بولۇپمۇ خاراكتېرى ھەققىدە خىتاينىڭ بېيجىڭدا ياشاۋاتقان پۇقرالىرىمۇ، مەلۇماتقا ئىگە بولالمايۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، بولۇپمۇ خىتاي ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى يوشۇرۇش ۋە خاراكتېرىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىشىمىز قىيىنغا چۈشۈۋاتىدۇ. شۇڭا بىز پەقەت ۋەقەنىڭ تەرەپسىز ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىشىنى، خەۋەر قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمىز.
سوئال: ھازىر مەتبۇئاتلاردا ۋەقە قاتناش قازاسىمۇ ياكى قارشىلىق ھەرىكىتىمۇ دېگەن سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بۇ ھەقتە مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ، سىلەر ۋەقەدە ئاشكارىلانغان تەپسىلاتلارغا ئاساسەن بۇ ۋەقەنى بىر قاتناش قازاسى دەپ تەخمىن قىلىۋاتامسىلەر ياكى قارشىلىق ھەرىكىتى دەپمۇ؟
جاۋاب: خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ۋاقىت يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەينەن ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ياساپ، پەردازلاپ، ھەتتا بۇرمىلاپ مەلۇمات بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بەزىدە ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى ئەيىبلەش ياكى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاتالمىش ھەر خىل قانۇنسىز ۋەقەلەرنى توقۇپ چىقسا، بەزىدە ھاكىمىيىتىنى ساغلام، جەمئىيەتنى تىنچ كۆرسىتىش ئۈچۈن يۈز بەرگەن جىددىي ۋەقەلەرنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا دېيىلگەنلەرگە ئىشىنىپ ھۆكۈم چىقىرىش توغرا ئەمەس. ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى دەرھال ئاشكارىلالماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن ئورنى ۋە شەكلىدىن قارىغاندا، ۋەقەنىڭ بىر قارشىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى بىزنىڭ تەخمىنىمىزگە ئەڭ يېقىن تۇرۇۋاتىدۇ.
سوئال: تەخمىنىڭلاردا كىملەر بولۇشى مۇمكىن؟
جاۋاب : ئەگەر بۇ راستىنىلا قارشىلىق ھەرىكىتى بولسا، بۈگۈن خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان ھەرقانداق بىر مىللەت ياكى گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى بولۇشى مۇمكىن.
سوئال: گەرچە خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى تېخى ۋەقەنى ئېنىق ھالدا، ئۇيغۇرلارغا ياكى تېررورغا باغلاپ پىكىر بايان قىلمىغان بولسىمۇ، بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى ئۇيغۇرلار دەپ بېكىتكەنلىكى ئېنىق. تۈنۈگۈن ئاخشامدىن ھازىرغا قەدەر چىققان خەۋەرلەر، ئۇچۇرلار ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىغا مەركەزلىشىۋاتىدۇ، مەسىلەن، ساقچىلار تەرىپىدىن ئىسمى ئېلان قىلىنغان ئىككى گۇماندارنىڭ كىملىكى ئاپتوموبىلىنىڭ نومۇر تاختىسى قاتارلىقلار؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىرغا تۇتۇپ سورىلىۋاتقان 8 گۇماندارنىڭ 7 سى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم. سىزچە ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك ئەقىلگە ئۇيغۇن؟
جاۋاب: مىللىتىمىز دۇنياغا يېڭىدىن تونۇلۇۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش، دۇنيانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ۋەتەن، مىللەت كويىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشتا مۇمكىن قەدەر زوراۋانلىق يولدىن ئۇزاق تۇرىدىغانلىقى ئېنىق. مەۋجۇت ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نىزامنامىسى ۋە باياناتلىرىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ نۇقتا ئېنىق. شۇڭا بۇ ھەرىكەت ئەگەر قارشىلىق ھەرىكىتى بولسا، بۇنى ئۇيغۇرلار قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمىز. ئەمما ۋەتەننىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن بۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمىز. مەسىلەن، بۇ يىل 4-ئايدا مارالبېشىدا ۋە 6-ئايدا پىچان لۈكچۈندە قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى. ۋەقەدە يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆلدى، تۇتقۇن قىلىندى. بۇ يىل روزا ھېيت ھارپىسىدا ئاقسۇ ئايكۆلدە، 6-ئايدا خوتەن خانئېرىقتا، تىنچ توپلىنىپ ھۆكۈمەتكە تەلەپ سۇنغان ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلۇپ يۈزلىگەن كىشى ئۆلدى، مىڭلىغان كىشى تۇتقۇن قىلىندى. بۇ يىل يەنە قەشقەر يىلقىچىدا، پوسكام كۈيباغدا دىنىي تەلىم ۋە ئىبادەت ئۈچۈن توپلانغان ئۇيغۇرلاردىن 34 كىشى تېررورلۇق گۇمانى بىلەن سوتقىمۇ تارتىلماي قىرىۋېتىلدى. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ھەتتا ئائىلىسىگىمۇ بېرىلمەي توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىدا كۆمۈۋېتىلدى. بۇنىڭدىن باشقا 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەن 4 يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكى بېرىلمەيۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر بار. مانا بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنى زوراۋانلىق يولىغا قىستاش ۋە مەجبۇرلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، شۇڭا ئەگەر ۋەقە راستىنىلا تيەنئەنمىنگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولسا ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، دۇنيا جامائىتى بۇنىڭغا ئەجەبلەنمەسلىكى كېرەك. دېمەك بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن ئەڭ ئېنىق، ئەڭ كەسكىن ۋە ئەڭ كۈچلۈك بىر سىگنال؛ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەدىن توغرا دەرس چىقىرىشى كېرەك.
سوئال: ھازىرغا ھەر قېتىملىق ۋەقەلەردىن كېيىن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەل بولماي تۇرۇپ خىتاينىڭ بېشى ساقايمايدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىسىلەر ۋە خىتاينى كىشىلەرنى زوراۋانلىق يولىغا مەجبۇرلىماسلىققا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەر، ئەمما خىتاي قاتتىق يول سىياسىتىدىن ۋاز كەچمەيۋاتىدۇ، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەقەلەردىن ئىبرەت ئالمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
جاۋاب: بىر نۇقتىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شوۋىنىزملىقتىن ۋاز كېچەلمەيۋاتىدۇ؛ يەنە بىر نۇقتىدىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق يولىغا قىستاش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خەنزۇ خەلقى ئارىسىغا تېخىمۇ كۆپ زىددىيەت ئۇرۇقى چاچماقچى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى خىتاي خەلقى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ھەقلىق ۋە زۆرۈر قىلىپ كۆرسەتمەكچى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتماقچى. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ نەيرىڭىگە خىتاي خەلقىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئالدانماسلىقى كېرەك. ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى رېئاللىقتىن قاچماسلىققا، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى يوشۇرماسلىققا، شۇ يوسۇندا بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنىمۇ تولۇق ۋە ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇر،خىتاي ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە ماھىيىتىنى چۈشىنىش پۇرسىتى بېرىشكە، بۇ ئارقىلىق ۋەقە ھەققىدە ئارتۇقچە گۇمان-ئىغۋالارنىڭ تۇغۇلۇش ۋە كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىمىز.