دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ سىياسىي سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە مەيدانىدا يۈز بەرگەن بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قاتتىق چەكلىمە قويۇشىنىڭ ئەكسىچە، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋەقە ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئەگەر بۇ ھەرىكەت ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بولسا بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قىلغان ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئىگە بىر ھەرىكەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىدىن شىكايەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دۈشەنبە كۈنى تيەنمېندە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 ئادەم ئۆلگەن، 38 ئادەم يارىلانغان ئىدى. ھازىرغىچە ۋەقە ھەققىدە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ 3 نەپىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ۋەقە پەيدا قىلغان كىشىلەر، قالغان ئىككى نەپىرىنىڭ ساياھەتچى ئىكەنلىكى، يارىلانغان 38 كىشىنىڭ 11 نەپىرىنىڭ ساقچى خادىملىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بېيجىڭدىكى مېھمانخانىلارغا تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدىن، ئۇلارنىڭ بىرى پىچاندىن، بىرى گۇمىدىن بولغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر گۇماندار ھەققىدە ئۇچۇر ئىزدەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ۋەقەنىڭ خىتاي دائىرىلىرى دەسلەپ ئىلگىرى سۈرگەندەك ئاددىيلا بىر ئاپتوموبىل ۋەقەسى بولماستىن، بەلكى بىر قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ۋەقەسى بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى گۇمانلارنى كۈچەيتتى. بەزى خەۋەر مەنبەلىرىدە، ساقچى تەرەپنىڭ ھازىر بىرى پىچاننىڭ لۈكچۈن بازىرىدىن بولغان 43 ياشلىق يۈسۈپ ئۆمەر نىياز ۋە يەنە بىرى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدىن بولغان 25 ياشلىق يۈسۈپ ئەھمەد دېگەن ئىككى كىشى ئۈستىدە مەلۇمات ئىگىلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلسا، يەنە بەزى ئاخبارات ئورگانلىرى ساقچىلارنىڭ 9 گۇماندارنى ئىزدەۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ 8 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاينىڭ سىياسىي سىمۋۇللۇققا ئىگە تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ تېخى يېقىندىلا 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن لۈكچۈن بازىرىغا چېتىشلىق بولۇشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمىدى ئەلۋەتتە. ب ب س ئاگېنتلىقى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، رويتېرس ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۆز خەۋەرلىرىدە بىردەك پىچاننىڭ لۈكچۈن بازىرىدا بۇ يىل 6-ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن شىكايەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، گۇماندارلارنىڭ بىرىنىڭ لۈكچۈنلۈك بولۇشىنىڭ ۋەقەنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتە بەزى شاھىتلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىغا ئەھۋالنى بايان قىلىپ بەرگەن شاھىتنىڭ بىرى «بۇ ھەرگىزمۇ شوپۇر خاتا يەردە رولنى بۇرىغانلىقتىن، ئۇقۇشماي پىيادىلەر يولىغا كىرىپ قالغان ئاددىي بىر ۋەقە ئەمەس» دېگەن. يەنە بىر فىلىپپىنلىق شاھىت مۇخبىرغا ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن شوپۇرنىڭ توختىماي سىگنال بېرىپ، پىيادىلەرنى ئۆزىنى ئەپ قېچىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى مېھمانخانىلارغا تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، ساقچىلار ئىككى گۇمانداردىن باشقا يەنە، پلاكاتى ئۇيغۇر ئېلىغا تەۋە بولغان 4 ئاپتوموبىلنىمۇ ئىزدەۋاتقان ئىكەن. ب ب س مۇخبىرلىرىغا سۆز قىلغان بىر ۋاڭ فامىلىلىك شاھىت ۋەقە يۈز بەرگەن مىنۇتتا ئاپتوموبىلنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن ئۆزىگە قاراپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇ قېچىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي تۇرغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ دەرھال يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، مەرمەر پەلەمپەي تەرەپكە ئۈسكەنلىكىنى ئېيتقان. يەنە بىر شاھىت بولسا بۇ ئاپتوموبىل سوقۇلۇشتىن بۇرۇن ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۇلارنى قوغلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
ب ب س بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بېسىم سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئىككى گۇماندارنىڭ يۇرتى بولغان پىچان ۋە گۇما ناھىيىلىرىدە بۇ يىل يازدا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا ۋەقەنى تېررورچى گۇرۇپپىلارغا باغلىغانلىقىنى، ئەمما يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بولسا ب ب س مۇخبىرىغا بۇنىڭ دىنىي بېسىم سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا كېلىپ چىققان زىددىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ب ب س خەۋىرىدە، تيەنئەنمېننىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكى ناھايىتى يۇقىرى ئورۇن بولغانلىقتىن، خىتاينىڭ ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ئىپادە بىلدۈرمەي كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «ۋال سترىت ژۇرنىلى» بولسا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تولۇپ ياتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرگە سەھنە بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ : ئەگەر خىتاينىڭ پايتەختىنىڭ يۈرىكىگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى دەلىللەنگەن تەقدىردە، بۇ ئۇلار ھازىرغىچە قىلغان ئەڭ جەسۇر ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئەمما بۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندا نارازىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم ئورۇنلاردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتىۋېتىدىغاندەك كۆرۈنمەكتە» دەپ يازغان.
ۋال سترىت ژۇرنىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق رەسمىي بىر بايانات ئېلان قىلمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت ۋەقە ھەققىدە داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەنلا بولدى قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇندىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئېلىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دەرھاللا تېررورلۇققا باغلاپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ژۇرنال يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىلاشلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ : چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنى خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ۋە ئېغىر بېسىملىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، خىتايلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، دەپ يازغان.
دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى قامال قىلىشقا ئۇرۇنۇشىمۇ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان ۋە گۇمانىنى كۈچلەندۈرگەن يەنە بىر ئەھۋال. چۈنكى ساقچى دائىرىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ب ب س ۋە فىرانسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى قولغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ كامېرالىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى يۇيۇۋەتكەندىن سىرت، دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقان يارىدارلارنى زىيارەت قىلىشقىمۇ رۇخسەت قىلماي، ئۇلارنى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت ئېلىشقا بۇيرۇغان. دائىرىلەر يەنە مەيداندىكى شاھىتلار تەرىپىدىن قول تېلېفونلاردا تارتىلغاندىن كېيىن تور بەتلەرگە چاپلاپ قويۇلغان رەسىملەرنىمۇ تور رازۋېدكا خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ، ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئۆچۈرۈۋەتكەن. بۈگۈن چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر ئېلىش ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار خىتاينىڭ مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر تارقاتمىغانلىقىنى، باشقا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋەقەنى «ماشىنا ۋەقەسى» دەپ خەۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر دەخلى-تەرۇز، دەپ ئەيىبلىدى.
خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھازىر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.