بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭ تيەنئەنمىندىكى ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى 10 نەچچە مەتبۇئاتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئامېرىكا ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئىسپانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاگېنتلىقى، گېرمان ئاۋازى، ئامېرىكا ئاۋازى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ياپونىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ياپونىيە كۈندىلىك گېزىتى، توكيو خەۋىرى، فىرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى، خوڭكوڭ تېلېۋىزىيىسى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق خەلقئارا مەتبۇئاتتا 28-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قارىتا كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى 29-ئۆكتەبىر فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ 24 سائەتكىچە، ۋەقەنىڭ ئېنىق تەپسىلاتى، يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچنەرسە ئېلان قىلمىغانلىقىنى، ئەمما بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا گۇماندارلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئېنىقلانغۇچە ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى تېررورلۇق بىلەن باغلىماسلىقى، ئۇيغۇرلار ئوبرازىنىڭ يامانلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئىلھام توختى ئەپەندى گېرمانىيە ئاۋازى، ئامېرىكا ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتىش ئۈچۈن ئىسپات كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ناچارلاشتۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن پارتلاش ۋەقەسىنى زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچى دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ئىسپاتلىرىدا نۇرغۇنلىغان گۇمانلىق تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە (ساقچىلارنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىدە)نۇرغۇن ئەھۋاللار ئېنىق چۈشەندۈرۈلمىگەن. ھۆكۈمەت ئۇچۇرىدا تىلغا ئېلىنغان (كۆيۈپ كەتكەن ئاپتوموبىل ئىچىدىن تېپىلغان) جىھاد بايرىقى قاتارلىق نەرسىلەرنى ھەقىقىي ئىسپات دەپ قاراشقا بولامدۇ ئېنىق ئەمەس. مەن ھۆكۈمەتنىڭ يەنىمۇ كوپ ئەمەلىي ئىسپات ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ كۆڭۈل بولىدىغىنىم، زادى نېمە سەۋەب بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە ئانىسى بىلەن بىرگە بۇ خىل رادىكال ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەشكە سەۋەب بولغاندۇ؟ ئۇنىڭ قىلمىشى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشقا بەكرەك يېقىن،زادى نېمە ئۇۋالچىلىقى باردۇ؟ ئەلۋەتتە،مەندىمۇ ئىسپات يوق، ئەگەر ئۆزىنى ئولتۇرۇۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش بولسا نېمە ئۈچۈن ئايالى بىلەن ئانىسىنى ئېلىۋالىدۇ؟ بۇ مېنىڭ قارىشىمدىكى گۇمانلىق نۇقتىلار. شۇڭا ھۆكۈمەت ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ مەقسىتى ۋە ۋەقە سەۋەبى توغرىسىدا يەنىمۇ كوپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىشى كېرەك.»
ئىلھام توختى ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم، شىنجاڭ تەرەققىياتى» قۇرۇلۇشىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بەھرىمەن بولالمىغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە يامانلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى تېز بولغان بىلەن، رايوندىكى مىللەتلەرگە ئادالەت ئېلىپ كېلەلمىدى ھەم ئۇلارنى باراۋەر ھالدا ئىقتىساد تەرەققىيات مېۋىسىدىن بەھىرلەندۈرەلمىدى. ئۇيغۇرلار سىياسەت، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە بارغانسېرى چەتكە قېقىشقا ئۇچرىماقتا، بولۇپمۇ سوز-پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتە نۇرغۇن چەكلىمە ۋە قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇۋاتىدۇ» دېگەن. ئىلھام ئەپەندى يەنە بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن يەنە ئۇيغۇر رايونىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خەنزۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭمۇ كۈنسېرى ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن.
ئىلھام توختى ئەپەندى نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەنى دەستەك قىلىپ ئۇيغۇرلار رايونىغا بولغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە دائىرىلەرنىڭ ئاخباراتقا بولغان كونتروللۇقى تۈپەيلى، مۇستەقىل ئاخباراتلارنىڭ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ۋە ئاشكارىلاش پۇرسىتى يوق ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
31-ئۆكتەبىر كۈنى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختى ئەپەندى، تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەكشۈرۈشنى ئالاھىدە كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەدىن كېيىن بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، ياتاقلىرىنىڭ ئاختۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا يۇمۇرلۇق قىلىپ جاۋاب بېرىپ، «نەچچە كۈندىن بېرى مەنمۇ چارچىغىنىمغا قارىماي خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم. مېنى كۆزەت قىلىۋاتقان ساقچىكاملار، مېنىڭ قوغدىغۇچىلرىممۇ يېنىمدا، ئۇلار ھازىر ماڭا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.... ئۇلار مېنى قوغداپ چارچاپ كەتتى، مەنمۇ چارچاپ كەتتىم، ئۆيدىكىلەر بولسا قورقۇپ كەتتى.... ئەمما توختاپ قالسام بولمايدۇ...مۇشۇ خىل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بولسىمۇ ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىپ تۇرايلى... ئەگەر ئاۋازىمىز ئۆچۈپ كەتسە ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ...» دېدى.
رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمىنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىلھام توختى ئەپەندى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى ساقچىلارنىڭ 24 سائەتلىك نازارىتى ئاستىدا قوبۇل قىلغان. دائىرىلەر ئىلھام توختى ئەپەندىنى نازارەت قىلىدىغان ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ئەسلىدىكى 2 دىن 5-6 گە كۆپەيتىپ، ئۇنى نازارەت قىلىدىغان ساقچىلارنى ئۇ تۇرغان بىنا ئىچىگە قەدەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىنادىكى قولۇم-قوشنىلارنىڭ نارازىلىقى كۈچەيگەن. ئىلھام توختى ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كەلگىنىدە قوشنىلار ئىلھام توختى ئەپەندىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان. ساقچىلارنىڭ نازارىتى كۈچەيگەنلىكى ئۈچۈن، ئىلھام توختى ئەپەندىنى ئۆيىگە ئىزدەپ كېلىدىغان دوستلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۇ تۇرۇشلۇق بىناغا كىرىشى قولايسىزلاشقان.