دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا دوكلات بەردى

0:00 / 0:00

11-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپونىيەنىڭ نىگاتا ئۆلكىسىنىڭ ناگائوكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گامبارو نىپپون تەشكىلاتىنىڭ يىغىلىشىدا، 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى.

ناگائوكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گامبارو تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىلىشىدا ئاساسلىقى «خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا سېلىۋاتقان تەھدىتى ۋە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتى» دېگەن تېمىدا دوكلات سۆزلەش ئاساس قىلىندى.

ياپون مىللەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن گامبارو نىپپون تەشكىلاتىنىڭ نىگاتا ئۆلكىسىدىكى تارماق شۆبىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىدىن خىتاينىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈۋالالايمىز» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم دوكلاتىدا ئاساسلىقى 28-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا توختالدى.

ناگائوكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ياپونىيە يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئاكا ئىكې قاتناشتى ۋە دوكلات بەردى.

ئاكا ئىكې دوكلاتىدا ياپونىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىدا پارلامېنتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇنازىرىلەر ۋە شۇنداقلا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە گامبارو نىپپون تەشكىلاتىنىڭ سېكرېتارى، ياپونىيە ساكۇرا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇلى مىزۇشىما ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلدى ۋە سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى.

گامبارو نىپپون تەشكىلاتىنىڭ نىگاتا ئۆلكىسىدىكى تارماق شۆبىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ناگائوكا شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،پائالىيەت چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن بەشكە قەدەر داۋاملاشتى، پائالىيەتكە ناگائوكا شەھىرىدىكى گامبارو نىپپون تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى.

بىز مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.