تيەنئەنمېن ھۇجۇمچىسى ئوسمان ھەسەننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات
2013.11.05
28-ئۆكتەبىر كۈنى تيەنئەنمېن قوۋۇقىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىپ دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئوسمان ھەسەن، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈجمە يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بېرىشتا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەرد-ئەلەم ۋە غەزەپ نەپرىتىنى خىتاي ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مىللىي بىر غايە ئۈچۈن بىر ئائىلىدىن 3 كىشىنىڭ تەڭلا ۋاقىتتا ھاياتىنى پىدا قىلىشى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرماقتا. ئۇنداقتا، ئوسمان ھەسەننىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كىملەر؟ ئۇلار بۈگۈن قانداق ئەھۋالدا؟
مەلۇم بولۇشىچە، ئوسمان ھەسەن ئىككى ئاچا، بىر ئاكا، بىر ئىنى بولۇپ 5 قېرىنداش ئىكەن. ئوسمان ھەسەن 7 جانلىق ھەسەنئاخۇن ئائىلىسىنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق پەرزەنتى بولۇپ، ئوسمان ھەسەن ھەققىدە تارقالغان بىر خاتا ئۇچۇر، ئاتا ھەسەنئاخۇننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان. بايان قىلىنىشىچە، 92-يىلى بىر تېلېۋىزور خەۋىرىدە ئىچكىرىدە ئوسمان ھەسەن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان. ئەسلىدە ئۆلگۈچى باشقا بىر ئوسمان بولۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ فامىلىسىمۇ ئوخشاش بولۇشى، ئاتا ھەسەنئاخانغا بەرداشلىق بەرگۈسىز يۈرەك ئازابى ئېلىپ كەلگەن. ئائىلىسىنىڭ ئۈمىد چىرىغى ھېسابلانغان ئوسمان ھەسەننىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى بىلەن يىقىلىپ دوختۇرخانلىق بولغان ھەسەنئاخۇن ئۇزۇن ئۆتمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.
تيەنئەنمېن ھۇجۇمىدا ئوسمان ھەسەننىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغان ئانىسى قۇۋانخان ھاجىم قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، كەمسۆز ۋە مۇلايىم بىر ئانا بولۇپ ئۇ تاكى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ئاقتۇنىڭ ئۈجمە يېزىسىدا پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە قاتارغا قېتىش بىلەن ئۆتكەن. ئوسمان ھەسەننىڭ ئاچىلىرى روزىخان ھەسەن،، تىللاخان ھەسەن ۋە ئاكىسى قۇتلۇق ھەسەن بۇ يىل 40، 43 ۋە 45 ياشلاردا بولۇپ، ئۇلار، تيەنئەنمېندا ۋەقە يۈز بەرگەن 28-ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە جورىلىرى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بىر شاھىدنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوسمان ھەسەننىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىككى كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئۆزلىرى بولسا 9 كۈندىن بېرى ئاقتۇ ناھىيىدىكى بىر قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، ئوسمان ھەسەننىڭ ئانىسى قۇۋانخان رېھىم، ئاقتۇدىن ئايرىلىشنىڭ ئالدىدا، يەنى ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىرەر ئايچە ئىلگىرى ئوسمان ھەسەننىڭ تەلىپىگە بىنائەن بىر خالتا قوناق ئۇنى ۋە ئاكىسى قۇتلۇق ھەسەننىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئېلىپ ماڭغان. ئوسمان ھەسەننىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاكىسىنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى سورىغانلىقى مەلۇم.
ئوسمان ھەسەننىڭ ئىنىسى ئابلىكىم ھەسەن، 90-يىللارنىڭ ئاخىرى ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىش-ئوقەت قىلغان. ئۇ 2000-يىللارنىڭ بېشىدا مۇتەللىپ ئىسىملىك بىر دوستى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يېنىپ چىقىپ ئاقتۇ ناھىيىسىدە بىر ماي زاۋۇتى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلغان. ئۇ بۇ ماي زاۋۇتىنىڭ تەسىسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇشتۇمتۇت ۋە سىرلىق بىر قاتناش قازاسىغا يولۇقۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئوسمان ھەسەننى تونۇغۇچىلار، ئۇنىڭ قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ھۆكۈمىگە ئىشەنمىگەنلىكىنى، ھەر ۋاقىت « ئىنىم قەستكە ئۇچرىدى» دەپ قاقشاپ يۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئوسمان ھەسەن ئىلگىرى ئاقتۇدا ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىككى ئايالدىن 3 پەرزەنتى بولغان. ئوسمان ھەسەننىڭ تيەنئەنمېن ھۇجۇمىدا يېنىدا ئورۇن ئالغان ۋە ئوسمان ھەسەن ئاپتوموبىلنى رىشاتكىغا سوققان مەزگىلدە ئاپتوموبىلدىكى بېنزىن باكقا ئوت ياققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئايالى گۈلقىز ئاتۇشتىن بولۇپ، ئوسمان ھەسەننىڭ گۈلقىزدىن پەرزەنتى بار-يوقلۇقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.