خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 28-ئۆكتەبىر ۋەقەسى ھەققىدىكى تەشۋىقاتى غەرب مەتبۇئاتلىرىغا يېڭىلدى

0:00 / 0:00

28-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ سىياسىي مەركىزى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە بىر ئائىلىدىن بولغان ئۈچ كىشىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى مېڭ جيەنجۇ ۋەقەنىڭ كەينىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بارلىقىنى، بۇنىڭ پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتايدىكى جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەتبۇئاتلارمۇ بىردەك مۇشۇ پىكىرنى ئالغا سۈرۈپ، ئاتالمىش تېررورچىلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تەڭرىتاغ خەۋەرلىرى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلگەن مەتبۇئات ئورگانلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە «دىنىي رادىكاللىق بىلەن ئىدىيىسى بۇلغانغان بۇ تېررورچىلارنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدا بارلىققا كېلىۋاتقان تەرەققىياتلارنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۆرەلمەي مۇشۇنداق ۋەقەنى قەستەن پەيدا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈزىنى چۈشۈرگەنلىكى» نى يازدى.

ئەمما، تيەنئەنمېندىكى ۋەقەگە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسى بولسا بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە. خەلقئارادا تونۇلىدىغان CNN، BBC تېلېۋىزىيىسى، ۋال سترىت ژۇرنىلى، فوربىس گېزىتى ۋە شۇنىڭدەك بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رويتېرس، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بولسا، ۋەقەگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقىنى بويىچە تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ تامغا بېسىشنىڭ ئورنىغا، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئىزدىدى. بىر ياشانغان موماينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، مۇشۇنداق بىر يولنى تاللىشىغا نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشتى. چەتئەل مۇخبىرلىرى خەۋەرلىرىدە ۋەقەنىڭ ئىشلىنىش شەكلىدىن قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندەك پىلانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسىدىن بەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە بۇ دېگەنلىرىگە پاكىت سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئۈستىدە كەڭ توختالدى.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئويلىغاندەك يەردىن چىقماسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق نارازى قىلغان بولۇپ، تۈنۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي «CNN قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ۋەقەسىدىكى تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلدى» دەپ، ئۇلارنى ئەيىبلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇ بۇ ھەقتە بۈگۈن مەخسۇس باش ماقالە ئېلان قىلىپ، س ن ن تېلېۋىزىيىسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرنىڭ يازغۇچىسى شاۋن روبېرتىسقا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا CNN نىمۇ ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئاشكارىلىدى، دەپ ئەيىبلىدى.

بۈگۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئۇقۇمنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەردى، دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ئىلگىرىكى ۋەقەلەرنى ئاخباراتنى قامال قىلىش، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ رايونغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق نۇرغۇن ئۇسۇللار بىلەن جىمجىتلا بېسىقتۇرۇۋەتكەن. ھەتتا 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تېلېفون، ئۇچۇر ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىق بارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى بىر كېچىدىلا ئۈزۈۋېتىش ئارقىلىق ۋەقە كۈنى كېچىدە ۋە ئۇنىڭ ئەتىسى يۈز بەرگەن نۇرغۇن پاجىئەلىك ۋەقەلەرنى يوشۇرۇپ قالغان ئىدى. ئەمما بۇ نۆۋەتتىكى ۋەقە چەتئەل مۇخبىرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان ۋە سەزگۈرلۈكى يۇقىرى ئورۇندا يۈز بەرگەنلىكتىن ئۇنى يوشۇرۇپ قېلىش مۇمكىن بولمىدى. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى ئاددىيلا قاتناش ۋەقەسى دەپ جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتوموبىل ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى بىلەن ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قاتتىق جەلپ قىلدى. ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئېزىز ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نۆۋەتتىكى ۋەقەنىڭ قوزغىغان ئىنكاسى بىلەن 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى قوزغىغان ئىنكاسنى سېلىشتۇردى ۋە ئاخباراتتىكى ئىنكاس جەھەتتىن قارىغاندا، تيەنئەنمېندىكى ۋەقەنىڭ خىتايغا قارشى غەلىبە قازانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەركىن ئاخباراتنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتىنىڭ ھەقىقەت ئالدىدا ھامان يېڭىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.