تيەنئەنمىن ھۇجۇمچىسى ئوسمان ھەسەن ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئوسمان ھەسەننىڭ تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان بىر قاتار سەۋەبلەر ئىلگىرى سۈرۈلدى. مانا بۇلاردىن ئوسمان ھەسەننىڭ مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن پىلال مەسچىت ۋەقەسىدۇر.
ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاقتۇنىڭ ئۈجمە يېزا يېڭىئايماق كەنتىدىكى پىلال مەسچىتتە ساقچى ۋە كادىرلار بىلەن مەسچىت جامائىتى ئارىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەن. ۋەقەگە ئوسمان ھەسەنمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ ماجىرا ئاخىرىدا جامائەتكە تەسەللى بېرىپ «بىز بۈگۈن يېڭىلدۇق، چۈنكى بىزدە قورال يوق، ئەمما مەيۈسلەنمەڭلار، بىز چارىسىز ئەمەس» دېگەن. بۇ ئاڭلىغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوسمان ھەسەن ئەنە شۇ پىلال مەسچىت ۋەقەسىدە قىلغان سۆزىگە ئاساسەن تيەنئەنمېن ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، ئوسمان ھەسەننىڭ نەق شۇ ۋەقەگە قېتىلغان-قېتىلمىغانلىقى ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما پىلال مەسچىت ۋەقەسىنىڭ راستىنىلا يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.