دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇلار باياناتلىرىدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 1989-يىلى دېموكراتىيە ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن ستۇدېنتلارغا ئېلىپ بارغان شۇ قىرغىنچىلىقىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيىبلىدى. يەنە خىتاينىڭ ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا تېخىمۇ رادىكال ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينى بۇ خىل باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋە خىتايدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقىنى توختىتىشى ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئالىم سېيىتوفلار بايانىلىرىدىن، مەزكۇر باياناتلارنىڭ تولۇق مەزمۇنلىرىنى يەتكۈزىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى-4 ئىيۇن كۈنى، تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا،1989-يىلى 3-ئىيۇن كېچىدە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ قەتلىئامىغا ئۇچرىغانلارغا ئېھتىرام ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلار گەرچە ۋەقەدىكى بىۋاسىتە قىرغىنچىلىق قۇربانىغا ئايلانغانلار بولمىسىمۇ، لېكىن شۇ يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئۆركەش دۆلەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ،خىتاينىڭ قولىدا ئۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق تىيەنئەنمېن نامايىشچىلىرىنى قورال كۈچى بىلەن باستۇرغانلىقى ۋە ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنى باستۇرۇشتا ھەر قانداق ۋاسىتە قوللىنىشتىن يانمايدىغانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.
د ئۇ ق يەنە گەرچە خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتتىق تەدبىرى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ مەلۇم بولغان، ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق باستۇرۇش ئەندىزىسىنى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئۈستىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
باياناتتا يەنە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، تىنچلىق سۆيەر ئۇيغۇر خەلقى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن، تيەنئەنمېن نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغانلىقىغا 26 يىل بولغان بۇنداق بىر كۈندە تيەنئەنمېن روھىنى قوللاش بىلەن تەڭ خىتاينىڭ بىگۇناھ ئاممىغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىبلەپ ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 26 يىللىقىدا بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتايدىن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىكى جىنايىتىنى تونۇشنى، ئوخشىمىغان پىكىردىكى پۇقرالىرىغا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانلىق قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جەمئىيەتنى، كىشىلىك ھەق-ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقىلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن جىددىي ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىمىز.
«تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر كۈن ئاۋۋال بايانات ئېلان قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى 1989-يىلىدىكى خىتاينىڭ تىيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر جەمئىيەت رەئىسى ئالىم سېيىتوف مۇنداق دېدى:
-خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىلى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن مەيدانىدا تىنچ نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا، بىگۇناھ خىتاي پۇقرالىرىغا قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىشلىگەن بولسا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇنداق دۆلەت تېررورلۇقىنى ئۇيغۇرلارغا 1949 يىلى تا شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ۋە بارغانچە تېخىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتا. بۇ باياناتىمىز ئارقىلىق بىز خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە ئادالەتنى ياقىلايدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيە ئىزدەش ئىرادىسىنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، خىتاي پۇقرالىرى ۋە دېموكراتچى خىتايلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىمەكچى.