بۇنىڭدىن 3 ئايلار ئىلگىرى، يەنى بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرى ئاۋات ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» بويىچە 30 نەچچە ئۇيغۇر گۇماندار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم.
بۇلارنىڭ ئىچىدە «تېلېفوندا دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇر تارقاتقان» دەپ ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھۈسەنجان ۋە ئۇنىڭ دېلوسى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.
بىز بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىغا «خىزمەت گۇرۇپپىسى» تەركىبىدە چۈشەن بىر نەپەر «مۇقىملىق» كادىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ئىشلىتىدىغان ياشلارنىڭ تېلېفونىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش ۋەزىپىمىز بار. بۇنى ساقچىخانىلارمۇ، بەزىدە ‹مۇقىملىق› كادىرلىرىمۇ قەرەللىك تۈردە تەكشۈرۈپ تۇرىمىز. كەنتىمىزدىن 3 نەپەر ئوقۇش يېشىدىكى ياش تېلېفوندا ‹قانۇنسىز دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار› نى تارقاتقانلىقى ياكى كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك كېسىلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا 15 يىللىق، كەينىگە 3 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلدى.»
ئۇ مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى:
«بىز مۇقىملىق خىزمىتى بىلەن تۇرۇۋاتقان بۇ كەنتتە 300 دىن ئارتۇق ئاھالە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 3 نەپەر ياش يۇقىرىقىدەك سەۋەب بىلەن كېسىلىپ كەتتى. بۇنىڭدىن 3 ئايلار ئىلگىرى ناھىيەمىز بويىچە 30 نەچچە كىشىگە كوللېكتىپ سوت ئېچىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بالا 22 ياشلاردا بولۇپ، ئىسمى ھۈسەنجان. ئۇنىڭ ئۆيى يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ ئۈستۈنكى لەڭگەر كەنتىدە. ئۇنىڭ توردا تارقاتقان ‹قانۇنسىز مەزمۇندىكى دىنىي ئۇچۇر› لىرى كۆپ، سالمىقى ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن 15 يىل كېسىلدى. يەنە بىرى تېخى توي قىلمىغان ياش بالا ئىدى. ئۈچىنچىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، مەكتىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ 3 يېرىم يىل كېسىلدى. تۈرمىدە ئورۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۈچ جايغا، يەنى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەندىكى تۈرمىلەرگە يوللاپ بېرىلدى. سوت ئېچىلغىنىغا 3 ئايلار بولۇپ قالدى.»
بىز مەزكۇر ئەھۋالنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەش ئۈچۈن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 7-ئايلاردا مەزكۇر ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ تەشۋىقاتىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تومتوغراق يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ساقچى بۇ ئەھۋال توغرىلىق باشلىقىدىن كۆرسەتمە ئالماي تۇرۇپ مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېلېفون كونتروللۇقى ۋە بۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا تېلېفون ئالاقىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
ئامېرىكىدىن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«يېقىندىن بۇيان ۋەتەندە تېلېفون ئالاقىسىگە بولغان كونتروللۇق ۋە تەكشۈرۈشلەرنىڭ قاتتىق چىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بىلىشىمچە، ۋىبېر ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللارنى تېلېفونىغا چۈشۈرۈپ چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان كىشىلەر ساقچىخانىلارغا چاقىرتىلماقتىكەن. ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرى بەزىدە تۇيۇقسىزلا تاقىلىپ قالىدىكەن. ئۇلار ساقچىخانىغا بېرىپ، چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە تونۇش بىلىشلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ، ئىمزا قويغاندىن كېيىن تېلېفونى ئاندىن ئېچىلىدىكەن. مەن بەزى دوستلىرىمغا تېلېفون قىلسام، يېقىندىن بۇيان تېلېفوننى ئالمايدىغان بولدى. بەزىدە ئون-يىگىرمە قېتىم تېلېفون قىلسام، ئۇلار زورىغا تېلېفوننى ئېلىپ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بۇندىن كېيىن كۆپ تېلېفون قىلماسلىقىمنى ئۆتۈنىدىغان بولدى. بۇنىڭدىن ھازىرقى ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.»
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.