ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆي-ماكانى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن ۋە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگىنى ئۈچۈن خىتاي تۈرمىسىدە تەھدىتلەرگە يولۇققان بىر ئائىلىنىڭ ھېكايىسى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر جايىدىن ئائىلىسى بىلەن بىرگە شىۋېتسىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۈمىد مەمەتنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇش ئېھتىمالى زورلۇقىنى تىلغا ئالغان بۇ ئائىلە، شۇ تاپتا ئېغىر ۋەھىمە ئىچىدە قالغان.
ئۈمىد مەمەت كۆپ تېڭىرقاش نەتىجىسىدە، مەيلى خىتايغا قايتۇرۇلسۇن ياكى چەتئەلدە قېلىپ قالسۇن، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قاباھەتلىك كۈنلەرنى دۇنيا جامائىتىگە مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ بىلدۈرۈپ قويۇشقا بەل باغلاپ، بۈگۈن كەچمىشلىرى ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بېرىش يولىنى تاللىغان. ئەمما، ۋەتەندە ئۆزىنىڭ بۇ كەچمىشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئورنى، ئىسمى ھەققىدە ئوچۇق توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ۋەتەندىكى بىر تۇغقانلىرى ۋە قوۋمى-قېرىنداشلىرىنىڭ خەتەرگە يولۇقماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار توغرىسىدا كۆپ توختىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئالدىن ئەسكەرتتى.
ئۈمىد مەمەت خىتاي تىلىدا ئوقۇغان. خىزمەت تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش يولىنى تاللىغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىن بولغان بۇ ياش، 2015-يىلى قىش ئايلىرىدا كۈتۈلمىگەن پاجىئەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.
بىر كۈنى ئۈمىد مەمەت شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر پارچە ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. بۇ ئۇقتۇرۇشتا، ئۇلارنىڭ ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان قورۇ-جايلىرىنى 15 كۈن ئىچىدە بىكارلاپ بېرىش ئېيتىلغان. ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇ بۇيرۇقىغا بوي سۇنمىسا، ئۆيلىرىنىڭ مەجبۇرىي چېقىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
200 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق قورۇ-جاينىڭ ئىگىسى بولغان ئۈمىد مەمەت ئائىلىسى، كۈتۈلمىگەن بۇ تەھدىتتىن چۆچۈيدۇ ۋە بۇنى قانۇنسىزلىق ھېس قىلىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلماقچى بولىدۇ.
شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، ئۈمىد مەمەت ئائىلىسىنىڭ بازار نەرقىدە 2 مىليون يۈەنگە يارايدىغان 200 كۋادرات مېتىرلىق زېمىنى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ 300 مىڭ يۈەن پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئۆيىنى بىكارلاپ كۆچۈپ كېتىشكە بۇيرۇيدۇ.
ئۈمىد مەمەت ئەتراپىدىكى قولۇم-قوشنىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىش قارارىغا كېلىدۇ. قوشنىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەقسىزلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتتىن قورقۇپ قارشىلىق بىلدۈرۈشكە پېتىنالمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ھەتتا 400 ياكى 500 كۋادرات مېتىرلىق زېمىنى بولغان ئائىلىلەرگىمۇ بازار نەرقىدىن 5-6 ھەسسە تۆۋەن تۆلەم پۇلى بېرىش بەلگىلەنگەنلىكى ئېنىق بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمىتى بولغان، ئۆيلىرى چېقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بەزى كادىرلار، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى ئېنىق ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇپ 15 كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىنى بىكارلاپ بەرمىسە، خىزمەتتىن ھەيدىلىدىغانلىقى ۋە ئۆيلىرىنىڭ بەرىبىر مەجبۇرىي چېقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىتلەرگە يولۇققانلىقىنى ئەسكەرتىشىدۇ.
ئۈمىد مەمەت قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ دەرد-ھەسرەتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قانۇنىي يوللارغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئادۋوكات تۇتۇپ، سوتقا ئەرز قىلىش يولىنى تاللايدۇ. ھالبۇكى، سوت دائىرىلىرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى ھەقلىق چىقىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئەمرىگە بوي سۇنۇش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئادۋوكاتمۇ سوتچىنىڭ پىكىرى بىلەن، بۇ دېلودىن توغرا بىر نەتىجە چىقىدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەي، بۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىقىدىن ۋاز كېچىدۇ.
بىراق، ئۈمىد مەمەت قولۇم قوشنىلىرى ئارىسىدىكى ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان 15 ئائىلىدىن بىردىن ۋەكىلنى ئېلىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قايتا شىكايەت قىلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ يەنىلا بىر نەتىجىسى بولمىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئەرز قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. 3 ئايال، 12 ئەر ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە كىرىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن، بۇ 15 نەپەر ئەرزدار شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە «قانۇنسىز ئەرز قىلغۇچىلار» سانىلىپ، ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ ۋە تۈرمىگە بەند قىلىنىپ، تەن جازاسىغا ئۇچرايدۇ.
ئۈمىد مەمەت ئايالى گۈلمىرە خانىم بۇ ۋەقەلەرنى تىلغا ئالغاندا، ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىنى قانۇنىي يوللار بىلەن، ئەرز-شىكايەتلەر بىلەن ھەل قىلىمىز دەپ، خاتا ئويلاردا بولغانلىقىنى، ئېرى ئۈمىد مەمەت تۈرمىگە بەند قىلىنغاندا، ئۆزىنىڭ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بەزىدە ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنى ۋە قېينانىسىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تۇتۇپ ئاپىرىپ تەھدىتلەر سالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
بۇ ھەقتە كېيىنكى قېتىملىق پروگراممىلىرىمىزدا تەپسىلىي توختىلىمىز.
0:00 / 0:00