مۇتەخەسسىسلەر ئۈندىدارنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونتروللۇقى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا كۆچمە ئالاقە تورى ساھەسىگە بولغان چەكلىمە ۋە باشقۇرۇش ئالاھىدە قاتتىق، ئىجتىمائىي ئالاقىدە يەرشارىلاشقان، قوللىنىشچان ئەپلەر ئاساسەن چەكلەنگەن. شۇ سەۋەبلىك، «ئۈندىدار» ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن-بىر پايدىلىنالايدىغان ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى. دائىرىلەر يەنە، پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلارنىڭ تور ئېقىمىنى 4-ئەۋلادتىن 3-ئەۋلادقا، يەنى 4G دىن 3G غا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. شۇنداقلا يېقىندا خىتاينىڭ يېڭى «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئۈندىدار ئەپ سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كېڭەيتىشى ۋە ئاممىنىڭ پاش قىلىش يوللىرىنى بەرپا قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۈندىدار يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن خەۋپلىك بىر جاي بولۇپ قالدى.

ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈندىدارنى قوللىنىشى قانداق رىقابەتلەرگە ئۇچرىماقتا؟ ئۈندىدارنى ئىشلىتىشنىڭ خەۋپى نەدە؟ بۇ ھەقتە چەتئەللەردىكى يۇمتال تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلارنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلاشقايسىلەر.

بىز، ئۈندىدار تەتقىقات ئەترىتى ئاسىيا ئۇچۇر تېخنىكا تورىدا 16-ماي ئېلان قىلغان «ئۈندىدار سانلىق مەلۇمات دوكلاتى»غا نەزەر سېلىپ باقايلى.

ئۈندىدارنىڭ كۈندىلىك ئاكتىپ ئابۇنت سانى 889 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدىكى ئابونتلار 500 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ ئۈندىدار ئىشلىتىش ۋاقتى 4 سائەتكە يەتكەن. ئۆتكەن يىلدىكى دوكلاتتا كۈندىلىك ئۈندىدار ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى 786 مىليون ئىدى.

ئاۋازلىق ئۇچۇر ئىشلىتىش ئەڭ ئومۇملاشقان. تىپىك ئىشلەتكۈچىلەر 80-يىلدىن كىيىن ۋە 90-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلار بولۇپ، ئاۋازلىق ئۇچۇر ئەۋەتىشكە ئەڭ ئامراق كىشىلەر توپى ياشانغانلار ئىكەن.

كۈندىلىك ئۈن-سىن ئارقىلىق سۆزلىشىش ئومۇمىي سانى يۈز مىليون قېتىمدىن ئاشىدۇ. ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلەر ئارىسىدا 95-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، ئابونتلارنىڭ كۆپ قىسمى سۈرەت ۋە ناخشىلارنى بەھرلەشكە ئامراق ئىكەن.
بۇلاردىن خىتايدا بۇ ئەپنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈندىدار قوللىنىشى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا ئۈندىدارنىڭ ئومۇملاشقانلىقى مەلۇم. شۇنداقلا ئۈندىدارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىمۇ بارغانچە كۈچەيتىلمەكتە.

خىتاي دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» دە، ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتى ئىجازىتى، ئايلىنىشى، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، قانۇنىي جاۋابكارلىق قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇلار باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. يېڭى «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 2017-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، خەلقئارا ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىدىكى بۇ بەلگىلىمىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلار باياناتىدا يۇقىرىدىكى بۇ بەلگىلىمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قامال قىلىدىغان شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى.

دەرۋەقە بۇ قانۇن ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى-18 ماي كۈنى شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش تىپىك دېلولىرىدىن سەككىز دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەر ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، توردا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇچۇر تارقىتىشتەك تىپىك دېلولاردىن تۆتىنچى تۈركۈمدىكى سەككىز قېتىملىق دېلونى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى بولۇپ، دېلو سادىر قىلغۇچىلارنىڭ «ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە ساختا ئىغۋاگەرچىلىك دېگەندەك جەھەتلەرگە ئالاقىدار يېزىق، سۈرەت، ئۈن-سىن مەزمۇنلىرىنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقاتقانلىقى» ۋە ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دېلو سادىر قىلغۇچىلارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى مەلۇم.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېلېفون ۋە ئالاقە تورى ئابونتلارنىڭ راست سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى» 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىدى. بۇ نىزام ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى تېلېفون ۋە ئالاقە تورى ئابونتلارنىڭ راست سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە تەتبىقلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئالاھىدە قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، تورغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئۈنسىز قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ ھەقتە رادىيومىزغا كەلگەن بىر قىسىم ئىنكاسلاردىن، خىتاينىڭ ھازىر ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى نامىدا يولغا قويۇۋاتقان بىر قاتار قاتتىق قوللۇق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق جازالاش نىشانى بولۇۋاتقانلىقى ئۈندىدار قوللانغۇچى ئۇيغۇرلاردا بەلگىلىك ئەنسىزلىك پەيدا قىلغان. نۇرغۇن ئابونتلارنىڭ ئۇنى قوللىنىشنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم. رۇسىيە ئۇچۇر-ئالاقە نازارەت ئىدارىسى 5-ماي كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئۈندىدارنىڭ رۇسىيەدە بىردەك ھالدا 4-ماي كۈنىدىن ئېتىبارەن تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ھازىرچە رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۈندىدار تورىنى ئىشلىتىشنى چەكلىشىنىڭ كونكرېت سەۋەبى ئېنىق ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە ھەر خىل قىياسلار مەۋجۇت. بۈگۈن يەنە ئەنگلىيە س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلى ئۈندىدار يۇمتال شىركىتى ھەققىدە گۇاڭجۇدىن مەخسۇس خەۋەر تارقاتتى. ئۇنىڭدا ئۈندىدار خىتايدا كىشىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلانغان بولسىمۇ، بۇنى ئىشلىتىشنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ چىقارغان چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇش ئاساسىدا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى. شۇنداقلا بۇ ئەپنىڭ خىتاي تارماقلىرىنىڭ نارازەت باشقۇرۇشىدا بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە زىيانلىق ۋە سەزگۈر سۆز ۋە ئۇچۇرلارنى ھەر زامان توسۇشقا قادىر ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈندىدارنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە جازالاۋاتقانلىقىمۇ ئۇيغۇرلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان تېمىنىڭ بىرى. ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۈندىدارنىڭ خەۋپى نەدە؟ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈندىدارنى قوللانغۇچىلارنى خالىغان پەيتتە نازارەت قىلالامدۇ؟ ئۈندىدارنى بىخەتەر قوللىنىش مۇمكىنمۇ؟ دېگەندەك سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن، بىز، يۇمتال ۋە تور بىخەتەرلىكى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گېرمانىيەدىكى ئەلى ۋە ئامېرىكىدىكى دىلمۇرات ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۈندىدارنىڭ دۇنيا مىقياسىدىمۇ گۇمان قوزغىغان ۋە چەكلىنىۋاتقان بىر ئەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، گەرچە باشقا ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئابونتلارنى ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئۈچۈن،ئۇنى ئىشلەتمەسلىكنىڭ ئەڭ توغرا قارار بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئۇلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىيالايسىلەر.