شاھىتلار «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ قۇربانى-ئادىل روزى ھەققىدە ئېغىز ئاچتى

0:00 / 0:00

شاھىتلار يېقىندا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ قۇربانلىرىدىن-شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئادىل روزى ۋە ئۇنىڭ قىسقىغىنە ھاياتى ھەققىدە ئېغىز ئاچتى.

بۇنىڭدىن 4 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، يەنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئەمدىلا 3 ئاي ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئىچىدە ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن ئادىل روزى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چەككەن. ۋەھالەنكى، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ھېچكىم، ھەتتا ئائىلىسىمۇ ئۇنىڭ قانداقلارچە تۇتۇلۇپ، شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ھەققىدە سۈرۈشتە قىلالمىغان.

ئۇنداقتا، ئادىل روزى كىم؟

مەلۇم بولۇشىچە، ئادىل روزى شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ 2004-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، 2009-يىلى 3-ئىيۇل كۈنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپتىن ئايرىلغان. مەكتەپ مەمۇرىيىتى شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇسىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بەرمىگەچكە، ئۇ بىرقانچە ساۋاقدىشى بىلەن نوپۇسنى ساقلاپ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالغان.

ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە، يەنى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى داۋان يولىدا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ئادىل روزى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا ئايرىلغان بۇ سەبىي ياش ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندە، يەنى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن تۇنجى تۈركۈمدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

21 ياشلىق ئادىل روزىنىڭ قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە 3 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سوتلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈنمۇ ھېلىھەم قاراڭغۇ.

ئادىل روزى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ قۇربانى سۈپىتىدە ئېتىپ تاشلىنىپ 4 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپمۇ ئۇنىڭ شايار ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق دادىسى روزى تۇراپ ئوغلىنىڭ نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلەلمىگەن. ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ۋە سۆزلەشنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن مەرھۇم ئادىل روزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسىنى زىيارەت قىلدۇق. ھازىر مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان، ئەمما ئىسىم-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەزكۇر ئوقۇتقۇچى ئادىل روزىنىڭ دېلوسى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىدىن مەلۇمات بەردى.

ئادىل روزى شايار ناھىيەسىدىن بولۇپ، 2004-يىلى شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ يەسلى مائارىپى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ مەكتەپ ھاياتىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇپ، سىنىپىدا ئىزچىل ھالدا مۇئاۋىن سىنىپ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن.

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى، يەنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئۇ مەكتەپتىن ئايرىلىپ، ئۈرۈمچى داۋان يولىدىكى ئىجارە ئالغان ئۆيدە ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرغان. مەكتەپتىن نوپۇس رەسمىيەتلىرىنى ئالغان ھامان يۇرتى شايارغا قايتماقچى بولغان.

ئەپسۇسكى، 5-ئىيۇل كەچقۇرۇن ئۇ داۋان يولى ئەتراپىدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇنجى تۈركۈمدە سوتلانغان 7 نەپەر ئۇيغۇر ياش بىلەن بىللە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىۋېتىلگەن.

ئۇنىڭ بىلەن 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ سىرلىق دېلوسى ھەققىدە بەزىبىر تۈگۈنلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.