قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 5-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىشكەك شەھىرىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 2009- يىلى 5- ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە قۇربان بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.
يىغىلىشتا دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئوسمان تۇردى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«2009-يىلى 26-ئىيۇن كۈنى يېرىم كېچىدە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى نەچچە مىڭلىغان خىتايلار ئۇيغۇر ئىلىدىن بېرىپ شۇ يەردىكى زاۋۇدلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ياتاقلىرىغا بېسىپ كىرىپ، ھېچقانداق تەييارلىقى بولمىغان گۇناھسىز ياشلىرىمىزنى ئۇر-توقماق قىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋە ساقچىلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى بىلەن بۇ ۋەقە تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشقان.
بۇ خىلدىكى ئىرقىي كەمسىتىش ۋە مىللىي زۇلۇمىدىن غەزەبلەنگەن ئۇيغۇر ياشلىرى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن جىنايەتچىلەرنى جازالاشنى، ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي كەمسىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، خىتاي ھاكىمىيىتى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ياشلىرىمىزغا قارىتا برونىۋىك ھەمدە تانكىلار بىلەن قوراللانغان ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىلىدا كەڭ كۆلەمدە ئادەم تۇتۇپ، يۈزلىگەن ياشلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان، مىڭلىغان ياشلىرىمىزنى تۈرمىلەرگە تاشلىغان. نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ئىز-دىرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قانلىق باستۇرۇشى بۈگۈنگىچە توختاپ قالغىنى يوق. بىز چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەتىنىمىزدە خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قانلىق قىسمەتلەرنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنى ئۆز ۋەتىنىنى، مىللىتىنى سۆيىدىغان ئىنسانلاردىن قىلىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.»
يىغىلىش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تەسىراتىغا ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە، بىز قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەر ۋە پېشقەدەم زىيالىي تەلئەت باقىغا مىكروفون ئۇزاتتۇق.