7-ئاينىڭ 5-كۈنى توكيونىڭ كاندا رايونىدىكى يىغىن زالىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنىدا تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئەركىن ئەمەت ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.
دوكلات سۆزلەش يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدىن باشلانغان بولۇپ، يىغىن ناھايىتى يۇقىرى كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماخمۇتنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر دوكلات بېرىش پائالىيىتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ مەزكۇر دوكلات يىغىنى توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماخمۇت شۇنداقلا پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان گۈلبوستان خانىملار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە بولغاي.