رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى ساقچىلىرى «خەلقنىڭ بىخەتەرلىك يۇمتالى» دەپ نام بېرىلگەن «چېقىمچىلىق» يۇمتالىنىڭ رەسمىي تارقىتىلغانلىقىنى دەلىللىدى.
خىتاي تاراتقۇلىرى ئالدىنقى كۈنى مەزكۇر يۇمتالنىڭ «گۇمانلىق» ئەھۋاللارنى ساقچى ئورگانلىرىغا پاش قىلىشنى «قۇلايلاشتۇرىدىغان» لىقىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما بۇ ھەقتە توختالغان كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر يۇمتالنىڭ رايوندا ئەزەلدىن قاتتىق بولغان ئۇچۇر-ئالاقە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ دەخلىگە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي خەلق تورى قاتارلىق تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 25- ئاپرېل مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، «خەلقنىڭ بىخەتەرلىك يۇمتالى» نامىدىكى يانفون يۇمتال ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىدىن بۇ خىل يۇمتالنى تېلېفونلىرىغا چۈشۈرۈۋېلىشنى تەۋسىيە قىلغان. خەۋەردە يەنە بۇ يۇمتالدىن پايدىلىنىپ، گۇمانلىق ئەھۋاللار ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورۇنلىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان مەزكۇر يۇمتال ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋە بىرقانچە ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىدىكى جەنۇبىي قوۋۇق، غالىبىيەت ساقچىخانىلىرىنىڭ تېلېفونى ئۇلانمىدى، ئەمما تۆمۈريول ئىدارىسى ساقچىخانىسى ۋە شىمالىي ۋوگزال ساقچىخانىسىغا قىلغان تېلېفونلىرىمىزنى كېچىلىك نۆۋەتچى ساقچىلار ئالدى.
تۆمۈريول ئىدارىسى ساقچىخانىسىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ئايال ساقچىسى ئۆزىنىڭ «خەلقنىڭ بىخەتەرلىك يۇمتالى» نامىدىكى يانفون يۇمتالى ھەققىدىكى تەپسىلاتلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، ئەگەر مەلۇم قىلىدىغان ئەھۋال بولسا 110 دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق مەلۇمات بەرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئايال ساقچىدىن نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ئۈرۈمچى بىلەن جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت پەرقى ھەققىدە سوئال سورىغىنىمىزدا، ئۇ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ۋەزىيەتنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ جايلاردىمۇ ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى، ئەمما ۋەزىيەت ھەققىدىكى باشقا تەپسىلىي سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزال ساقچىخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان ساقچى ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدە مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، «خەلقنىڭ بىخەتەرلىك يۇمتالى» نامىدىكى يانفون يۇمتالىنىڭ مەشغۇلات ئىقتىدارى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلگەنلىكىنى دەللىدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەھەر ئاھالىسى خەۋەردە ئېلان قىلىنغان مەشغۇلات تەرتىپى ھەققىدىكى قەدەم باسقۇچلار بويىچە بۇ خىل يۇمتالنى قول تېلېفونلىرىغا قاچىلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، «جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە ياكى مۇقىملىققا زىيانلىق» دەپ قارىغان گۇمانلىق ئەھۋاللارنى دەرھال قىسقا ئۇچۇر، رەسىم ياكى ۋىدىيولارنى يوللاش ئۇسۇلى بويىچە ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدىكەن.
خىتاينىڭ خەلق تورىدىكى خەۋەردە، بۇ خىل يۇمتال ئارقىلىق، ساقچى دائىرىلىرىنى خەۋەرلەندۈرگۈچىلەرگە ئۇچۇرنىڭ قىممىتىگە ئاساسەن ئىشقا يارايدىغان ئۇچۇر ئەۋەتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئەمما بۇ ساقچى مەشغۇلات ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن كۆرۈشنى تەكىتلىدى. يەنە مۇكاپات سوممىسى ۋە بۇ خىل يۇمتال نېمە ئۈچۈن بازارغا سېلىنغانلىقى ھەققىدىكى باشقا سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «بىخەتەرلىكنى قوغداش» نامىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىشى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەت، چەكلىمە ۋە باستۇرۇشنى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنىمۇ قامال قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىلدىكى بۇ يانفون يۇمتالى ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنىڭ خەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەر ھەتتا خىزمەتداشلىرى دوستلىرىغا بولغان گۇمانخورلۇق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
ئىنتېرنېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنتېرنېت ئۇچۇرىغا قارىتا قاتتىق قامال يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.
«ئىنتېرنېتتە دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقاتتى» دېگەن باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان تېخىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، دائىرىلەر بۇ يىل 4- ئاينىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 10 كىشىنى توردا تارقاتقان ماتېرىياللىرى سەۋەبلىك جازالىغان ئىدى.