ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 18 - مارت ئېلان چىقىرىپ، پويىز ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا كېلىدىغان ساياھەت ئۆمەكلىرىدىن دەسلەپكى 10 مىڭ ئادەمنىڭ ھەر بىرىگە 200 سومدىن خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، بۇ ئېلان خىتاي تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ساياھەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكى ناچارلاشقانلىقى ئۈچۈن، بۇلتۇردىن بۇيان بۇ خىل مۇكاپاتلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ساياھەتچىلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بولسا، بۇلتۇردىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ناھىيە - يېزىلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىقى ھەپتىسىدىن باشلاپ «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتقا ساياھەت قىلىش» ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە پويىز ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئادەم سانى 16 گە يەتكەن بولسا، ئۆمەك تەركىپىدىكى ھەر بىر ئادەم بېشىغا 200 سوم خەلق پۇلىنى ئۇلارنىڭ بانكا ھىساباتىغا كىرگۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاينىڭ شىنجاڭ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە «بۇ پائالىيەتكە 2 مىليون سوم خەلق پۇلى ئاجرىتىلدى، بۇ پۇل پويىز ئارقىلىق كوللىكتىپ ساياھەتكە كەلگەن دەسلەپكى 10 مىڭ ساياھەتچىگە بېرىلىدۇ. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكتىن كىرىدىغان كىرىمىنى كۆپەيتىش، ساياھەتكە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، يېڭىدىن قاتناشقا باشلىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، يىپەك يولى سودا يولىنى ئېچىش» دېيىلدى. ئەمما سىننا، تېڭشۈن قاتارلىق خىتاي ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە بۇ خەۋەر ھەققىدە يېزىلغان ئىنكاسلاردا «ھېلىغۇ ئادەم بېشىغا 200 سوم بېرىدىكەن، 2000 سوم بېرىمىز دىسىمۇ مەن شىنجاڭغا ساياھەتكە بارمايمەن»، « ھازىر شىنجاڭدا ئارقا - ئارقىدىن ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، شىنجاڭغا ئىشلىگىلى كەتكەنلەر قايتىپ كېلىۋاتىدۇ»، «ئۈرۈمچىدىكى كەچلىك بازارلار تاقالغان، كوچىلاردا قوراللىق ساقچىلار، ساقچى ئاپتوموبىلى چارلاپ يۈرگەن شارائىتتا ساياھەتنىڭ نېمە مەززىسى بولسۇن!» دىگەندەك ئىنكاسلار يېزىلغان.
دائىرىلەر چىقارغان ساياھەت مۇكاپاتى ئېلانى ۋە ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە يزىلغان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئىنكاسلارغا قارىتا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئىنكاسىنى بىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا قالدۇرۇلغان ئۇچۇرغا ئاساسەن ئۈرۈمچىدىكى بىرقانچە ساياھەت شىركەتلىرىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىدە كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.
ئەمما مەلۇم ساياھەت شىركىتىنىڭ يۈ شىنليەن ئىسىملىك ئايال خادىمىغا بۇ قېتىمقى 200 سوم مۇكاپات پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى بىلدۈرگىنىمىزدە، يۈ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ئۇيغۇر رايونىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئىلگىرىكىدىن ئازىيىپ كەتكەنلىكى، بولۇپمۇ بۇلتۇردىن بۇيان ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ تىجارىتىدە چېكىنىش بولغىنى ئۈچۈن، «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتقا ساياھەت» نامىدىكى مۇكاپاتلىق ساياھەت پروگراممىسى تەسىس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە بۇلتۇردىن بۇيان رايوندا بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر ساھايەت نۇقتىسىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىپ، ساياھەت ئاپتوموبىللىرىغا قوغدىغۇچىلار سەپلەنگىنى ئۈچۈن، ساياھەت ئۆمەكلىرىگە تىزىملاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇ يالغۇز ئۆز ئالدىغا ساياھەتكە بارغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە يەنىلا شۇ كىشى ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
غۇلجا يېزىلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەلۇم خانىم، يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن غۇلجا يېزىلىرىدا «چېچەك بايرىمى»، «ئۈرۈك سەيلىسى»، «مەشرەپ» دېگەن ناملاردا ھەرخىل سەيلە پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساياھەت ئۆمەكلىرى ئادەم باشلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما يېزىلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغىنى، دېھقانلارنىڭ سىرتلارغا چىقىشى، باشقا شەھەرلەرگە بېرىشى ئۈچۈن مەخسۇس كىنىشكە ئېلىشقا توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، ئۆزىگە ئوخشاش دېھقانلارنىڭ قاتمۇ - قات تەكشۈرۈلۈش ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ، يېزىدىن ئايرىلىپ باشقا ناھىيە، شەھەرلەرگە بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇلتۇر ياز پەسلىدىمۇ بۇ خىل ئېلان چىقارغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئېلاندا «شىنجاڭغا كەلگەن ساھاھەتچىلەرگە ئادەم بېشىغا 200 سومدىن مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 30 مىليون سوم خەلق پۇلى ئاجراتتى» دېگەن بايانلار بېرىلگەن. بۇلتۇر چىقىرىلغان ئېلان، ئۇيغۇر ئېلىدا «30 - ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پىچاقلىق ھۇجۇمى»، «22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازاردىكى پارتلىتىش ھۇجۇمى» قاتارلىق قانلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىر يىلغا سوزۇلىدىغان«تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. بۇلتۇر روزا ھېيت ھارپىسىدا يۈز بەرگەن «28 - ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى «ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق قانلىق ۋەقەلەر شىنجاڭنىڭ ساياھەتتىن كىرىدىغان كىرىمىنى ئازايتىۋەتتى، ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئەھۋالغا قارىتا شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ ساياھەتچىلىكىنى روناق تاپقۇزۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.
0:00 / 0:00