ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ نامايىشىغا كۆرسىتىلگەن «پەرقلىق مۇئامىلە»

0:00 / 0:00


ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدىكى 300 نەپەر خىتاي ئاھالىسى ئۆي مۈلك شېركىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. نامايىش مەيدانىغا قوراللىق قىسىم ساقچىلىرى يېتىپ كېلىپ، نامايىشچىلارنى قوپاللىق بىلەن تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. كېلىپ چىققان سۈركىلىشتە يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. ئون نەچچە كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ مىدۇڭ رايونىغا قاراشلىق «خۇادۇ جىڭشىڭ ئاھالىلەر رايونى» دا ئولتۇرۇشلۇق 300 دەك ئاھالە ئۆزلىرى ئولتۇرۇۋاتقان بىنانى سالغان ئۆي مۈلك شېركىتىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نامايىش قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شېركەت بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا مەزكۇر ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر مەھەللىسىگە كىرىپ - چىقىش ئۈچۈن 7 يىلدىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان كوچىنىڭ باشقا بىر شېركەتكە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ يولنى توساپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئاھالىلەر رايونىدا ئولتۇرىدىغان كىشىلەر ئامالسىز كەڭلىكى 4 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان كىچىك بىر تار يولنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ تار يولدا ھەم ئاپتوموبىل، ھەم ئادەم ماڭغاچقا بىخەتەرلىك جەھەتتىنمۇ ئاھالىلەرگە كۆپ قولايسىزلىق ئەپ كەلگەن. ئاھالىلەر بۇ شېركەتتىن قانداق بولۇپ ئۆزلىرى يىللاردىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان يولنىڭ ئەمدىلىكتە باشقا شېركەتكە تەۋە بولۇپ قالغانلىقىنى سورىغىنىدا، شېركەت ئۇلارغا بىز بۇرۇن بۇ كوچىنى ئىجارىگە ئېلىۋاتاتتۇق. ئەمدى ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشىمىز كېرەك، دېگەن. كېيىن كىشىلەر سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئۆي مۈلك شېركىتىنىڭ بۇ يولنى ئاپتوموبىلتوختىتىش مەيدانى قىلىپ پۇل تاپماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

بۇنىڭ بىلەن، خۇادۇ جىڭشىڭ رايونىدىكى 300 دەك ئاھالە پەيشەنبە كۈنى كوچا ئېغىزىدا ئولتۇرۇۋېلىش ئارقىلىق يول توسۇپ نامايىش قىلغان. ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، نامايىش بولۇپ ئالاھەزەل بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن يۈزگە يېقىن قالقانلىق ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، نامايىشچىلارغا قوپاللىق بىلەن زوراۋانلىق قىلغان. ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتىپ، بەزىلىرىنى يارىلاندۇرغان. نامايىشچىلاردىن 14 نەپىرىنى قولغا ئالغان. قولغا ئېلىنغانلار يېرىم كېچە بولغاندا قويۇۋېتىلگەن.

ئىستانسىمىز مۇخىبىرىغا ئەھۋال بايان قىلىپ بەرگەن خۇاڭ ئەپەندى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلارنىڭ «نامايىش باستۇرۇش قىسىملىرى» نىڭ ساقچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يېتىپ كېلە - كەلمەيلا ئادەم ئۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

يەنە بىر لىڭ فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۆي مۈلك شېركىتىنىڭ خادىملىرى بىر كۈنى يېرىم كېچىدە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئوغرىلىقچە كېلىپ، يولنى كولىۋەتمەكچى بولغاندا ئاھالىلەر بايقاپ قېلىپ، ئۇلارنى توسۇپ قالغان. ئۇ ھازىرقى بۇ تار يولدا ئادەم ۋە ئاپتوموبىل ھەممىسى تەڭ مېڭىپ ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ «بىر شەخسىنىڭ مەنپەئەتى ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرامدۇ؟ ئەگەر ئاھالىلەردىن بىرىگە بىر نېمە بولسا كىم ئىگە بولىدۇ؟» دېگەن.

ئىستانسىمىز مۇخبىرى مىدۇڭ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى سورىغاندا تېلېفونغا چىققان خادىم دائىرىلەرنىڭ ھازىر كېلىشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت باشلىغانلىقىنى، بىراق تېخى بىر نەتىجە چىقمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئاھالىلەر ۋەكىللىرى بىلەن شېركەت تەرەپنى ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇخبىرىمىز يەنە مەزكۇر ئۆي مۈلك شېركىتىگە تېلېفون قىلغىنىدا، تېلېفونغا چىققان كىشى قارشى تەرەپنىڭ مۇخبىرلىقىنى ئۇققان ھامان تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.

خىتايدا مۇشۇ ساھەگە ئائىت قانۇن - نىزاملارنىڭ تولۇق بولماسلىقى، بولسىمۇ بۇنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان، نازارەت قىلىدىغان ئاپپاراتلارنىڭ كارغا كەلمەسلىكى ۋە ئەڭ مۇھىمى خىتايدا كەڭ تارقالغان چىرىكلىك يۈزىدىن مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۆي مۈلك، يەر - جاي ماجىرالىرى بەك كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال. بىراق ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ئۈچۈن نورمال بولغان بىر ۋەقەنى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە قىلىۋاتقان بىر نۇقتىنىڭ دەل بۇ خىل مەسىلىلەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان پەرقلىق سىياسەت، پەرقلىق مۇئامىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچسىى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئەگەر بۇ نامايىشنى ئۇيغۇرلار قىلغان بولسا ئۇنىڭ تامامەن پەرقلىق بىر ئاقىۋەت بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان «تېرورچى، زوراۋان» دەپ ئوققا تۇتۇلغان بولاتتى، دېدى. ئىلشات ھەسەن سۆزىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتى دەپسەندە قىلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرىسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارغا تۇتقان پوزىتىسيىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ھەر بىر خىتاي كۆچمىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا تىكىلگەن بىر قارارگاھ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى، ئۇلارنى رازى قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ خۇادۇ جىڭشىڭ ئاھالىلەر رايونىدىكى بۇ خىتايلارنىڭ مەسىلىسىنىڭمۇ شۈبھىسىزكى ھەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.