مەمەت توختى: خىتاي گۇماندارلارنى كوللېكتىپ قىرغىن قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈردى


كانادادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى بۈگۈن مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا، خىتاينىڭ باي كۆمۈركان ھۇجۇم گۇماندارلىرىغا ئوتچاچار قوللىنىش ئارقىلىق ب د ت 1981 - يىلى قوبۇل قىلغان ۋە خىتاي ئۆزىمۇ ئىمزا قويغان «بىر قىسىم ئەنئەنىۋى قەبىھ قوراللارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» گە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ۋە گۇماندارلارنى سوتسىز ۋە كوللېكتىپ قىرغىن قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاينىڭ گۇماندارلارغا چەكلەنگەن كۆيدۈرگۈچ قوراللارنى ئىشلىتىشىنى پارىژ ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىش پۇرسەتپەرەسلىكى، دېگەن مەمەت توختى ئەپەندى، ئانا بالىلارنىڭمۇ ئوتچاچاردا ئۆلگەنلىكىدەك بۇ پاجىئەنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدا ئۇنتۇلماس بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي - ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.