ئەزىز تىڭشىغۇچىلار، «ھەق-ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان يۈرۈشلۈك پروگراممىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە سىلەرنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنى مەھرۇم قالدۇرۇشنى خىتاينىڭ قانۇنلىرى ۋە خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە تەتبىقلىغاندا، ئۇيغۇرلار ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك قايسى خىل قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلاردىن مەھرۇم يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ھۆججەتلەر بىلەن تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، «يېقىنقى 10 يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز دەۋرگە قەدەم باستى» دەپ تەشۋىق قىلىنماقتا. بۇلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2002-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 159 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولغان بولسا، 2011-يىلى 657 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىلىپ ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ توققۇز ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشى ئۈچۈن بۆلۈپ بېرىلگەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ھەر يىلى 100 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئېشىپ بارغان.
ھالبۇكى، بۇ ئىقتىسادنىڭ 30% ئى خىتاي مىلياردېرلار سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان 6 كىشىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن، يەنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان قان تەرى بىلەن يىغىپ كەلگەن ماددىي بايلىقلىرى، ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن بولغىنىغا 20يىلغا يەتمىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن بولۇپ، ئومۇمىي ئىقتىسادى 50 مىليارد دوللار ئەتراپىدا.
تارىختىن سودىغا ماھىر مىللەت دەپ نامى بار ئۇيغۇرلاردىن نېمە ئۈچۈن بىرەر مىلياردېر چىقمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن خىتايدا تونۇلغان بىرەر شىركەت ياكى مىللىي تاۋار ماركىسى يوق ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىرەر نوپۇزلۇق قۇرۇلۇش شىركىتى يوق؟ ئۇيغۇرلار قابىلىيەتسىزمۇ؟
بۇ ياكى ئۇيغۇرلار ئېيتقاندەك، دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يولىنى توسۇپ بىر قىسىم خىتاي كۆچمەنلىرىگە بارلىق باي بولۇش پۇرسەتلىرى يول ۋە ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىدىنمۇ؟
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن رەئىسى نۇر بەكرى 2012-يىلىدا قىلغان يېڭى يىل نۇتقىدا «بۇ يىل يەرلىك مالىيە بۇلتۇرقىدىن 40% ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 5432 يۈەنگە يېتىپ 789يۈەن ئاشتى يەنى 17%ashti....خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەۋقەسى قىلدۇق، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىگەن ئىدى.
ئەمما، ئوخشاشلا خىتاي رادىئو تورىنىڭ-1 ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتلاردىن چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلايدىغان مۇنداق نەقىل ئېلىندى «خوتەن ۋىلايىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان، ئوتتۇرىچە يىللىق ساپ كىرىمى 3 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئاممىسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 20% دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ئاممىنىڭ داۋالىنىشى قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك.»
بۇلاردىن ئىزدەنسەك، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە سودا ساھەسىنىڭ مىللىي تەڭسىزلىك ھەممىدىن ئېغىر بولۇۋاتقان ساھەنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئۇيغۇرلاردا «بىز ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۈۋالغان قەلەندەرگە ئايلاندۇق»، «پۇلى يوقنىڭ جېنى يوق» دېگەندەك ئەقلىيەلەرنى كۆپ ئاڭلايمىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق ئۇيغۇرلاردا ئەڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە.
ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تۈزگەن قانۇنلارغا رىئايە قىلغان ھالدا سىياسەت قوللانغان بولسا، بۇ مەسىلىلەر ئۆزلۈكىدىن ھەل بولغان بولاتتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە يۈكسەك ھەق-ھوقۇقى بارلىقى، خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 29، 30، ۋە-31-ماددىلىرىدا مۇنداق شەرھلىنىدۇ:
29-ماددا: مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆز جايىنىڭ مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچى ۋە باشقا كونكرېت شارائىتىغا قاراپ يەرلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
-30 ماددا : مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايغا قاراشلىق كارخانىلارنى، كەسپىي ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ.
31-ماددا: مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەن تاشقى ئىقتىسادى سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن تاشقى سودا پورتىنى قۇرسا بولىدۇ.
خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 117 ماددىسىدا يەنە «مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىك مالىيىنى باشقۇرىدىغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە» دېگەن ئېنىق جۈملە بار.
بۇلاردىن باشقا، خىتاي ئىمزا قويغان خەلقئارالىق كېلىشىملەردىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2007-يىلى ئېلان قىلغان «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇق ئەھدىنامىسى» دىكى قانۇنىي ماددىلار بويىچىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلىك بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقلىرى كاپالەتلىنىشى زۆرۈر ئىدى.
مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ 20-ماددىسى مۇنداق بەلگىلەنگەن «يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە خاس تەرەققىياتلاردىن، بارلىق ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي سىستېمىلىرىنى، ئورگانلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.»
21-ماددا : «يەرلىك خەلقلەر ھېچبىر ئايرىمىچىلىققا دۇچار بولماستىن، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىش ئۈچۈن تەربىيىلىنىش، ئۆي ماكانلىق بولۇش، پاكىز سۇ ئىشلىتىش، سالامەتلىك ۋە پاراۋانلىق كاپالىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
دۆلەت ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى، ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاھىدە تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.»
بۇ خەلقئارالىق قانۇننىڭ 26-ماددىسى «يەرلىك خەلقلەر، تارىختىن بۇيان ئىگە بولغان، ئىشلەتكەن ۋە قولغا كەلتۈرگەن تۇپراقلىرىنى، تېررىتورىيىلىرىنى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق» دەپ بەلگىلەنگەن.