د ئۇ ق رەھبەرلىرى «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» توغرىسىدا توختالدى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەھبەرلىرى 3-ماي كۈنى «DUQ.TV» ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» تۆلەشكە چاقىرىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لايىھىسى 4-ئاينىڭ 22-23-كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ ئانتۋەرپەن شەھىرىدە چاقىرىلغان 6-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا قاراردىن ئۆتكەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى يېشى 18 گە تولغان ھەربىر ئۇيغۇر بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» تاپشۇرىدىكەن.

د ئۇ ق تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» ئۈچۈن ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئايدا 5 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيدىكەن. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئايدا 3 ئامېرىكا دوللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئايدا 1 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيدىكەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «بۇ دەۋا، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دەۋاسى، بۇنىڭ بەدىلىنى ئۇيغۇرلار باش بولۇپ تۆلىشى كېرەك» دېدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا قىلغان سۆزىدە «خەلقئارالاشقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ چىقىملىرى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا» دېدى. قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بولسا، «ئۆزىنى ئۇيغۇر سانىغان ھەربىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇرلۇقنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى لازىم» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» ئالدى بىلەن 29 نەپەر د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە 120 نەپەر قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئارىسىدا تولۇق ئەمەلىيلەشكەن. قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى د ئۇ ق غا مەنسۇپ بولغان يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» نى دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە «ئۇيغۇر دەۋاسى ئىشتىن سىرت، دەم ئېلىشلاردا قىلىدىغان دەۋا ئەمەس. ئۇيغۇر دەۋاسى 5 ۋاقىت ناماز كەبى پەرزگە ئايلانغان، 24 سائەت داۋاملىشىشى زۆرۈر بولغان بىر دەۋادۇر» دېگەنلەرنى قوشۇمچە قىلدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە قۇرۇلتاي فوندىنىڭ يازما شەكىلدىكى رەسمىي ئۇقتۇرۇشى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدىكەن ۋە بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارا تارقىتىلىدىكەن.