چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا 28 - ئىيۇلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى رۇسىيىدىكى چېچەنىستانغا ئوخشىتىلدى

0:00 / 0:00


28 - ئىيۇل يەكەن توقۇنۇشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلىرىدا، 28 - ئىيۇل يەكەن توقۇنۇشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەسۋىرلىنىپ، «خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ 2014 - يىلىدىكى روزا ھېيتنى مەھەللە - كويلارنى ساقچى - ئەسكەرلەر قاپلىغان، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان قاتمۇ - قات روھى بېسىم ئەنسىزلىكى ئىچىدە كۈتىۋالغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرىدا بولسا ئەنسىزلىك ۋە ۋەھىمە تۇيغۇسى كۈچەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا، بارغانچە رۇسىيىدىكى «چېچەنستان» غا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

روزا ھېيت كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش، 30 - ئىيۇل قەشقەردە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى شۇنداقلا بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قەشقەر مەكىتتە، خوتەن قارىقاشتا، ئاقسۇ ئۈچتۇرپاندا يۈز بەرگەن بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق بىر قىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، رايوندىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەھۋال ئىگىلەپ خەۋەر بەردى. ئۇندىن باشقا 28 - ئىيۇل يەكەن توقۇنۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا يەنە كۆپلىگەن مۇلاھىزە ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىنماقتا.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئانالىزلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 7 - ئايدا يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىغا قارىتا يېڭىچە تەرەققىيات پىلانىنى ئېلان ئىلىپ، رايوندا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا تىنچ - مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى نارازىلىقى كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە شىددەت تۈسىنى ئالغانلىقى، بولۇپمۇ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ خىل قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكە شەھەرلىرىگە قەدەر كېڭىيىپ، پۈتكۈل خىتاي پۇقرالىرىدا تەشۋىش - ۋەھىمە تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشىدەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلاندى.

مەسىلەن، ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىدە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان«خىتاينىڭ يىراق غەربىدە چېچىنىيە بارلىققا كەلمەكتە» ناملىق ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى قاتتىق قول سىياسىتى نۆۋەتتىكىدەك قاتتىق باستۇرۇش ھالىتىدە يەنە داۋاملىشىدىغان بولسا، خىتاينىڭ يىراق غەربىي چېگراسىدىكى بايلىققا تولغان ئۇيغۇرلار زېمىنىنىڭمۇ رۇسىيەدىكى چېچىنىيەگە ئوخشاش قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمەيدىغان زېمىنغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ يېڭى چېچىنىيە مەسىلىسىگە ئايلىنىدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىنىڭ بېشىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ:

«ئۇيغۇرلار ھېچقاچان خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقىدىن ئۆزىنى راھەت ھىس قىلغىنى يوق. شىنجياڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ زېمىن تۈرك تىللىق مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان جاي. خىتاي ئىمپېرىيىسى ئىچىگە كىرگۈزۈۋېلىنغان بۇ زېمىندا 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىن 1600 كېلومېتىر يىراقلىقتا بولغان بۇ جايدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئىشلىمەي كەلدى. ھالبۇكى، شى جىڭپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان بۇ جايدا كۈچەيتىلگەن باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن مانا ئەمدى بۇ زېمىن خىتاينىڭ ئېتنىك توقۇنۇشلار كۈچەيگەن چېچىنىيىسىگە ئايلىنىدۇ» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

ماقالىدە 2009 - يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «نەچچە كۈن ئىلگىرىلا بۇ زېمىندا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى. 2009 - يىلى بۇ زېمىننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە 200دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈشتەك پاجىئە يۈز بەرگەن ئىدى. مانا ئەمدى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا (28 - ئىيۇل يەكەن قانلىق توقۇنۇشىنى دېمەكچى) 100 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. ئاتالمىش 59 نەپەر تېررورچى قەشقەرگە يېقىن جايدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى. بۇ ئۇيغۇرلار ساقچىخانا ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار. ھالبۇكى بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىنلا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىمام (ھېيتكاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنى دېمەكچى)قەشقەر شەھىرىدىكى مەسچىتنىڭ (ھېيتكاھ مەسچىتى دېمەكچى) ئالدىدىكى مەيداندا ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.» دېيىلدى.

ماقالىدە يەنە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا بارغانچە كۆپەيگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى مۇنداق بايانلار ئارقىلىق بېرىلگەن:

«شى جىنپىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى دەپ جاكارلاپ، بۇ يىل 5 - ئايدىن باشلاپ پۈتكۈل خىتاي بويىچە بىر يىل داۋاملىشىدىغان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ھالبۇكى ئۇنىڭ بۇ قارارى ئەكسىچە رايوندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانلىق توقۇنۇشلار تېخىمۇ كۆپەيگەن ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ يەردىكى تىراگىدىيە شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى جىھات بىلەن باغلىۋالدى، ئۇيغۇرلارنى ئىسلام تېررورچىلىرى دەپ ئاتىدى.»

ماقالىدە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى رادىكال قارشىلىق يولىغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ئىزدىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يەنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «قوش تىلللىق مائارىپ نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىش، ئۇيغۇرلارغا تىرىكچىلىك ئىمكانىيىتى، خىزمەت پۇرسىتى بېرىش، بۇ زېمىندىكى بىڭتۈەن نامىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى بىكار قىلىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەنىمۇ كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىشنى توختىتىش» قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلىنغان.

ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغىمۇ «بۆگۈنچىلىك،قۇتراتقۇلۇق قىلىش» قالپىغىنى كىيدۈرۈپ، تۈرمىگە تاشلىغانلىقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر ئامىل ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىدەك كىشىلەرنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.