يېقىندا فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدىن تەتىل قىلىپ يۇرتلىرىغا قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ چاقىرتىپ سوراق قىلىشى ھەتتا تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان.
رادىئومىز ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ۋەتەنگە قايتسا يولۇقۇش خەۋپى بولغان ھەر خىل ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەتىل مەزگىلىدە ئۆزى تۇرغان دۆلەتلەردە قېلىش ياكى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردە تەتىل كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدەپ چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئوقۇش مۇددىتى تۈگىگىچە ئۆز يۇرتلىرىغا قايتماسلىق قارارىنى ئالغان. بولۇپمۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا 3-4 ئايغا سوزۇلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ كېلىدىغانلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بارغانچە ئازلىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوقۇش پۈتكەنگە قەدەر غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتماسلىق سەۋەبى ھەر خىل بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىغا قايتماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى، يەنىلا خىتاي چېگراسىدىن كىرگەندە ياكى ئۆز يۇرتلىرىغا بارغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى ياكى يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىپ پاراكەندە قىلىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن بولغان.
28-ماي پەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فېيسبوك، ئۈندىدار قاتارلىقلاردا يوللانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى يازلىق تەتىلنى ئۆز يۇتلىرىدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قايتقىنىدا، ئۇلار ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىلا خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن شىۋېتسىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن. تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى يازلىق تەتىلنى ئۆز يۇتلىرىدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قايتقىنىدا، ئۇلار ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىلا خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خەۋەردە ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايانى نەقىل ئېلىنىپ، «خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەدىكى مەزگىلدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن گۇماندا تۇتقۇن قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما خەۋەردە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىكى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان كونكرېت ۋاقتى تىلغا ئېلىنمىغان.
27-ماي چارشەنبە كۈنى كەچتە رادىئومىز مۇخبىرىغا بۇ ھەقتە يوللانغان تېلېفون ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بىرەيلەننىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا چىققان. ئۇلارتۈركىيىدىن كەلگەن يولۇچىلار ئارىسىدىن ئوغلىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئوغلىنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن. ئەمما ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بالىسىنىڭ زادى قاچان ئۆيگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر ئالالمىغان. ئوغلى بىلەن بىللە جەم بولىدىغان خۇشال كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق ئىچىدە كۈتكەن ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلار نۆۋەتتە ئەنسىرەش ۋە پۇشايمان ئىچىدە كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە چەتئەللەردە بالىلىرى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بالىلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بالىلىرىنىڭ ساق-سالامەت مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ دىپلومىنى قولغا ئالغۇچە، ئامال بار ۋەتەنگە قايتماسلىقىنى جېكىلىگەن.
نۆۋەتتە ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتە ئوقۇۋاتقان بىرەيلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى تونۇيدىغان نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يازلىق تەتىلگە ئوخشاش ئۇزۇن مەزگىللىك دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ھەتتا ئائىلىسىدە مۇسىبەت ئىشلىرى بولغاندىمۇ يۇرتلىرىغا قايتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، يېقىندا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يۇرتىغا قايتىپ بارسا ساقچىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن قايتمىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭدىن ئوقۇش تۈگەتكەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىش ئويى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ:
6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، ئەمما ئۆزىنىڭ ھازىرچە ۋەتەنگە قايتىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان يوقلاش جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋاللىرى ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى. مەسىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇتەللىپ ئىمىن، 2012-يىلى 7-ئاي مەزگىلىدە خوتەندىكى ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى پاسپورت بېرىشنى رەت قىلغىنى ئۈچۈن، تۈركىيەگە كېلەلمىگەن قىز دوستى ئاتىكەم روزىنى كۆرۈش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقان. ئۇ 15 كۈنلۈك تەتىلى توشۇپ، تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئەينى چاغدا مۇتەللىپ ئىمىن 70 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ ئۆيىگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما پاسپورتى ۋە كىملىكى تارتىۋېلىنىپ، خوتەندىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان. مۇتەللىپ ئىمىن ۋە ئاتىكەم رورزىلار ئەينى چاغدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن، 2014-يىلى 15-يانۋار ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغىنىدا، مۇتەللىپ ئىمىن ۋە ئاتىكەم روزىلارمۇ ئىلھام توختىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۇزۇن يىللىق مۇدددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
80-يىيللاردىن كېيىن خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجى سەۋەبىدىن غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتا ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان خىتايدىن چىقىپ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بارغانچە كۆپەيگەن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورت ئېلىشىمۇ بارغانچە ئاسانلاشقان. ئەمما ئوقۇش، ساياھەت ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىقىشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ پاسپورت ئېلىشى بارغانچە تەسلەشكەن. بولۇپمۇ 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى تېخىمۇ تەسلىشىپ، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار خىتاي شىركەتلىرىگە زور مىقداردا پۇل تۆلەش ياكى پاسپورت بېجىرىدىغان خىتاي ساقچىلىرىغا ھەسسىلەپ پارا بېرىش بەدىلىگە بالىلىرى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى ۋە يەرلىك ساقچىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئوقۇش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ بۇ ئائىلىلەرنى ئاۋارە قىلىشى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن يۇرتلىرىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىشى قاتارلىق ۋەقەلەر سەۋەبلىك، نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تاكى ئوقۇشى تۈگىگىچە ۋەتەنگە قايتماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.