ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەردىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ۋە ناملاردىكى باستۇرۇشلىرى ۋە مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر باشلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ سىياسەت ۋە سەپسەتىلىرىگە قارشى دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر دەۋاسىنى ماس ھالدا كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولماقتا.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قوللىنىۋاتقان سىياسەت ۋە تاكتىكىلىرى ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئانىلىرىغا قارىتىشى، داۋايىمىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ يارقىنلاشتۇرىدۇ ، دۇنيادا ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ يورۇتىدۇ ۋە تېخىمۇ قوللاشقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ» دەپ بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.