خالمۇرات ئۇيغۇر: «ئەركىنلىك كارۋىنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى پاش قىلىش ئىرادىمىزنى كۆرسىتىدۇ»

0:00 / 0:00

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئەركىنلىك كارۋىنى» نامىدا گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئايلىنىپ تەشۋىق قىلىش ۋە ئۆزلىرى يېتىپ بارغان دۆلەتلەردە نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە شۇ يەردىكى پۇقرالارغا تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى. مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەردىن خالمۇرات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئەركىنلىك كارۋىنى» نىڭ مەقسىتى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلاتتى.

فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن خالمۇرات ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىنلاندىيەدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن بۇ يىل 19-سېنتەبىردىن 1-ئۆكتەبىرگە قەدەر ياۋروپادىكى بىرقانچە دۆلەتنى ئاپتوموبىللىق ئايلىنىپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ۋە يېتىپ بارغان دۆلەتلەردە نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيىتى پىلانلانغان.

خالمۇرات ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تەشكىللىگەن گۇرۇپپىغا «ئەركىنلىك كارۋىنى» نامى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىملىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى، 19-سېنتەبىر كۈنى فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدىن باشلاپ، ، سىتوكھولم، ئوسلو، بېرلىن، ئامستېردام ۋە پارىژدا داۋام قىلىپ، 1-ئۆكتەبىر كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا خىتايغا قارشى نامايىش بىلەن ئاياغلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار سەپەر جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردە شۇ يەردىكى ياشلارنىڭ تەشكىللىشىدە نامايىش ۋە تەشۋىق ۋەرەقىلىرى تارقىتىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزلىرى بارغان دۆلەتلەردىكى ياشلار بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

«ئەركىنلىك كارۋىنى» گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىنىش مەقسىتى ھەققىدە توختالغان خالمۇرات ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق ئەركىنلىك كارۋىنى پائالىيىتى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق مۇھىم پائالىيەت بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك يېرى، بىز ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بىرلىشەلەيدىغانلىقىمىزنى، ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەردە، ئوخشىمايدىغان شارائىتلاردا ياشىساقمۇ، ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن بىرلىشىپ، سىستېمىلىق ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغانلىقىمىزنى، بىزدە بىرلىكنىڭ، ئىتتىپاقلىقنىڭ ۋە ئىرادىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ».

خالمۇرات ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ يىل 4-ئاي مەزگىلىدە ئۆز كىملىكى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فەيسبوكتا يۇرتى تۇرپاندىكى لاگېرغا قامالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن بۇيان، ئۇ رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ۋە كۆپلىگەن خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئائىلىسى دۇچ كەلگەن پاجىئەلەرنى ئاڭلاتتى. ئۇندىن باشقا يەنە ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ، جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

خالمۇرات ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى مۇخبىرلارنىڭ ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلدىم. ئەڭ دەسلەپتە، يەنى بۇ يىل ئەتىياز مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ ‹چەتئەل سىياسىتى› ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۇرپاندىكى جازا لاگېرىغا قامالغان ئاتا-ئانامنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتىم. مەزكۇر ماقالە 3-ئاپرېل ئېلان قىلىندى. ئۇ چاغدا مېنىڭ ئىسمىمنى مەھمۇت دەپ ئالغانىدى. كېيىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى خادىمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم، يېقىندا ئۇلار بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر فىلىم ئىشلىمەكچى».

خالمۇرات ئەپەندىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ يىل ئەتىيازدىن ھازىرغا قەدەر خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن 10 نەچچىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ لاگېرغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشقا دەۋەت قىلىپ، بۇنىڭ ئۈنۈمىگە بولغان ئىشەنچسىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ۋال سچرېت ژۇرنىلى، ۋاشىنگتون پوچتىسى، رويتېرس، دې ئاتلانتىك، مالىيە ۋاقتى گېزىتى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە سىنگاپور، خوڭكوڭ، كورېيە، فىلىپپىن ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تاراتقۇلار مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم. شىمالىي ياۋروپادا فىنلاندىيەنىڭ ‹خېلسىنكى سانومات› گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم. يېقىندا شىۋېتسىيە رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم، يەنە نورۋېگىيەنىڭ ئافتېنپوستېن گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم. ئۇلاردىن سىرت ب ب س نىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن ئالاقىلەشتىم، ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى ۋە ئاتا-ئانام ھەققىدە ئاڭلاتتىم».

خالمۇرات ئەپەندى يەنە يېقىندا تۈركىيە قاتارلىق بىرقانچە دۆلەتكە بېرىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا لاگېرلارغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش دولقۇنىنى قوزغىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە گۇۋاھلىق بېرىش دولقۇنى قوزغاش ئۈچۈن ئۇ يەردە بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن گۇۋاھلىق ۋىدىيوسى ئىشلەش نېسىپ بولدى. مۇخبىرلارنىڭ خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن، گۇۋاھلىق بېرىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىدۇق، گۇۋاھلىق بېرىش گۇرۇپپىسىدىكى قېرىنداشلارغا ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پاجىئەلىرىنى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاڭلىتىش پۇرسىتى يارىتىشقا تىرىشتۇق. بۇ يەردىكى خىزمەتلەرنى ئاساسلىقى تۈركىيەدىكى قېرىنداشلار پىداكارلىق بىلەن ئېلىپ باردى، بۇ يەردە شۇ قېرىنداشلارغا بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن».

خالمۇرات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تەشكىللىگەن «ئەركىنلىك كارۋىنى» نىڭ ئەزالىرى بارغانچە كۆپىيىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، دەسلەپ فىنلاندىيەدە تەشكىللەنگەن مەزكۇر گۇرۇپپىغا ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن جازا لاگېرلىرىغا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قامالغان قازاق قېرىنداشلار ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم شۇ يەرلىك ياشلارمۇ ئاۋاز قوشقان.