ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاي يەر ئىگىلىرىگە ياللانما بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم

0:00 / 0:00


خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 260 مىليون يېزىلىق كۆچمەن خىتايغا، شەھەر نوپۇسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ سىياسەت شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەش ئارزۇسىدىكى ئۇيغۇرلارغا توغرا كەلمىگەن.

يېرى ئاز، جان سانى كۆپ بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ جان ساقلاش ئۈچۈن شەھەرلەردە ئىشلىمەكچى بولغان، ئەمما شەھەردە نوپۇس بېرىلمىگەچكە ئۆي ئىجارىگە ئالالمىغان. ئۇ ئاخىرى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا يېڭى كېلىپ كەڭ كۆلەمدە يەر ئىگىلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياللانما بولۇشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى بۇ خىل ھالەتنىڭ يېڭى يانچىلىق تۈزۈمىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن كەينىگە چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز خىتاي كۆچمەنلىرىگە ياللانما بولۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان دېھقان ئائىلىسىدىن بىرەيلەننى زىيارەت قىلدۇق. 4 بالىسى بولغان بۇ دېھقان ئائىلىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت ئىككى مو يەر بەرگەن بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقان، بەزى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا پەقەتلا يەر بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

بىز كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى غۇلام ئوسمان ئەپەندىنى بۇ توغرىدا زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يەرسىز ۋە نوپۇسسىز قالدۇرۇلۇش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا توختالدى.