خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىننى سۇسلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

0:00 / 0:00


نۆۋەتتە دائىرىلەر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىننى سۇسلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىغا ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىپ، «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش«،«قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش»، «قىزىل ناخشا ئېيتىپ مەدەنىي يېڭى زامان كىشىلىرىدىن بولۇش» نامىدا ھەر خىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىشى دىققەت قوزغىغان. چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى دائىرىلەر يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل تەشۋىقاتلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىننى سۇسلاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ۋە باستۇرۇشى ئەگەر مۇشۇ يۆنىلىشتە داۋاملاشسا، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

21 - ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 20 - ئۆكتەبىر قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىدە 2600 نەپەر بوۋاي موماي قاتناشقان چوڭ تىپتىكى «قىزىل ناخشا ئېيتىش خور مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە سۈرەتلىك خەۋەر بەردى.

«ئۈندىدار» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ خەۋەرگە يېزىلغان ئىنكاسلاردا «ھۆكۈمەت دەۋاتقان دىنىي رادىكاللىقنى تاشلاپ، مەدەنىي پۇقرا بولۇشتا پەيزىۋات ناھىيىسى ئىسلاھاتنى بوۋاي - مومايلاردىن باشلاپتۇ»، «قارىغاندا مومايلار نەۋرە بېقىشتىن، بوۋايلار ناماز ئوقۇشتىن ئازاد بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ كۆڭۈل ئېچىشقا سەپەرۋەر قىلىنىپتۇ»، «بىچارە بوۋاي - مومايلار سەھنىدە ناخشا ئېيتقۇچە ئۆيىدە نەۋرىلىرىنى باقسىچۇ»، «پەيزىۋاتتىكى باشلىقلار قالتىسكەن، بوۋاي - مومايلارنىمۇ ناخشا - ئېيتىپ ئۇسۇل - ئويناشقا كۆندۈرۈپتۇ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا كىچىك ئالما ئۇسۇلىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئىلگىرىلەش بولۇپتۇ» دېگەندەك تەنە ۋە مەسخىرىلىك ئىنكاسلار يېزىلغان.

خىتاينىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» توغرىسىدىكى تەشىۋىقاتلىرى
خىتاينىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» توغرىسىدىكى تەشىۋىقاتلىرى (Mahmut Atanur)


22 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۈندىدار، فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا يەنە ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى ئاھالىلەر كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ تېمىغا چاپلانغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قەتئىي توسايلى!«سەرلەۋھىلىك چاتما تەشۋىقات رەسىملىرىنىڭ فوتو كۆپىيىشى يوللاندى.

بۇ تەشۋىقات رەسىمىگە قارىتا يېزىلغان ئۈندىداردىكى مۇنازىرىلەردە، «جەنۇبتىكى يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش«ھەرىكىتى ھازىر ئۈرۈمچىدىمۇ ئاشكارا يولغا قويۇلۇشقا باشلاپتۇ«، «قارىغاندا ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنى ناماز ۋە دىننى ئۆگىنىشتىن ئازاد قىلىشنى ئويلاۋاتسا كېرەك» دېگەندەك ئىنكاسلار يېزىلغان. ئەمما بەزى ئىنكاسلاردا «ھۆكۈمەت بۇ خىل تەشۋىقاتلارنى قىلغانسېرى ئۇيغۇرلاردا دىنىي كەيپىيات كۈچىيىپ كەتتى»، «قاراڭلار ھازىر ئۈرۈمچىدىكى توي زىياپەتلىرىدە 90 - يىللاردىكىدەك پەتنۇسلاردا كۆتۈرۈپ ھەر بىر ئۈستەلگە ھاراق - تاماكا تارقىتىدىغان ئەھۋال يوق، سورۇنلاردا ھاراق ئىچىدىغانلارمۇ 40،50 ياش ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى بولۇپ قالدى، ئۇلارمۇ ئايرىمخانىلاردا يوشۇرۇن ئىچىشىدۇ. ياشلار ئاساسەن ھاراق ئىچمەيدۇ»، «ھۆكۈمەت ئېتىقادتىن ئىبارەت نازۇك مەسىلىگە تەگمىسە بولاتتى...» دېگەندەك ئىنكاسلار يېزىلغان.

يېقىندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش»، «قىزىل ناخشا ئېيتىپ ۋەتەننى مەدھىيەلەش» نامىدىكى تەشۋىقات - پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىش ھەرىكىتى غەرب دېموكرات دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەتلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرۇش تەشۋىقاتى»، «پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى چەكلەش باستۇرۇش ھەرىكىتى» دەپ تەنقىدلەنمەكتە.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۈندىدار» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېزىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش» ۋە ئۇيغۇرلارنى «قىزىل ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلاش» تەشۋىقاتىغا قارىتا نارازىلىق ئىنكاسلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل تەشۋىقات - پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتكەنسېرى، بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچىيىپ تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ئەپەندى بايانىدا ئۆتكەن ھەپتە ماكېدونىيە تېتوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دىن ۋە زوراۋانلىق» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مىللىتى: ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي چەكلىمە ۋە زۇلۇملار» تېمىسىدىكى دوكلاتىنى ئوقۇغىنىدا، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد باستۇرۇشىنىڭ يامان ئاقىۋىتى ھەققىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىل «دىننى سولاشتۇرۇش تەشۋىقاتى» ۋە قاتتىق قول دىنىي سىياسەتلەر سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، 18 - سېنتەبىر ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن خىتاي كۆمۈر كېنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى گۇماندارلاردىن مەخمۇت تۇرسۇننىڭمۇ بۇ يىل يازدا يېزىدا ئۆتكۈزۈلگەن زامانىۋى ئۇسۇل ئويناش پائالىيىتىدە خىتاي سېكرېتارى تەرىپىدىن مەيدانغا زورلاپ ئۇسۇل ئويناشقا چۈشۈرۈلگىنىدە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى نەقىل ئالدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسى كانچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قاتناشقان بىر جەمەت 3 ئائىلىلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ چارۋىچىلىق رايونىدا ئېلىپ بارغان دىنىي ئېتىقادنى چەكلەش تەشۋىقاتلىرىغا ھەر خىل شەكىلدە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن كىشلەر ئىكەن.